خىتاي تاراتقۇلىرى ھىندونېزىيەدىكى تەسىرىنى كېڭەيمەكتە

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھىندونېزىيەدىكى تەسىرىنى بارغانچە كېڭەيتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 7-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ھەقسىز ساياھەتتىن تارتىپ خىتاينىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ بىر يول» سودا پىلانىغا ئالاقىدار باشلىقلار يىغىنىنى خەۋەر قىلىپ تارقىتىشقىچە، خىتاينىڭ ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن مەزمۇن ئورتاقلىشىش ھەمدە سودا قىلىش، ھىندونېزىيە كۆرۈرمەنلىرى بىلەن ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىشقىچە بولغان ھەممە ساھەدە خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ تەسىرى بارغانچە كۈچەيگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇلتۇر 11-ئايدا ھىندونېزىيە مېترو تېلېۋىزىيەسى خىتاي مەركىزى رادىيو-تېلېۋىزىيە شىركىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، مېترو تېلېۋىزىيەسىنىڭ بايراقدار خەۋەر پىروگراممىسى «مېترو خەۋەرلىرى»نىڭ مەزمۇنىنى خىتاي تىلىدا تارقىتىشقا باشلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، كېلىشىم ئىمزالىغان رادىيو-تېلېۋىزىيە شىركىتى «جاكارتا پوچتىسى گېزىتى»گە قوشۇلغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى خەۋەرلەر «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى»گە قايتا بېسىلىدىكەن. ھىندونېزىيەنىڭ ئانتارا خەۋەر ئاگېنتلىقى بىلەن خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورىنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بار ئىكەن. ئۇندىن باشقا ئىككى تەرەپ كېلىشىم بويىچە ئۆزئارا مەزمۇندىن تەڭ بەھرىلىنىش ياكى مەزمۇن تەييارلاش خىتاينىڭ ھىندونېزىيەدە يىللاردىن بۇيان قوللانغان ئۇسۇلىنىڭ داۋامى ئىكەن.

«ئەركىنلىك سارىيى» نىڭ 2022-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا بايقىلىشىچە، خىتاي ھىندونېزىيەدە يۇقىرىقى ئىككى خىل تاكتىكىنى قوللىنىش بىلەن بىرگە، تەكشۈرۈش ھىيلىسى ئارقىلىق، ئۆزىگە پايدىلىق ھېكايە توقۇپ چىقىشقا تىرىشقان.

«ئەركىنلىك سارىيى» 2022-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتنىڭ بىرلەشمە ئاپتورى مۇھەممەد زۇلپىقار رەھمەتنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تاراتقۇلىرى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان ھىندونېزىيەدىكى بىر قانچە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خىتايغا ئالاقىدار سەلبىي تەنقىدلەردىن ساقلىنىشقا ئۇرۇنغان.

بەزى مۇخبىرلار بېيجىڭغا ھەقلىق ساياھەتكە چىققاندىن كېيىن، تېخىمۇ ئىجابىي خەۋەرلەرنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، يەرلىك ئاخبارات مۇتەخەسسىسلىرى ھىندونېزىيەنىڭ كۈچلۈك تەھرىرلىك سىياسىتى بارلىقىنى، بۇ ئارقىلىق خەۋەرلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

«جاكارتا پوچتىسى گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررىرى تەۋفىقۇرراھمان ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىغا: «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى بىلەن بولغان ھەر قانداق ھەمكارلىق نوقۇل ھالدا سودا خاراكتېرىنى ئالغان بولىدۇ» دېگەن.

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي 2019-يىلى ھىندونېزىيە مۇخبىرلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلىشقا تەشكىللىگەن بولۇپ، زىيارەتتىن كېيىن كۆپىنچە ھىندونېزىيە مۇخبىرلىرى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغاندا كۆرگەنلىرى ھەققىدە خىتايغا ئاكتىپ ماسلاشقان خەۋەرلەرنى يازغان، پەقەت ئاز بىر قىسىم مۇخبىرلار تەنقىدىي خەۋەرلەرنى ئېلان قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1965 قېتىم كۆرۈلدى
08/02/2024 18:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق