دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خىتاي تەشۋىقات تور بەتلىرى ئاشكارىلاندى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خىتاي تور بېكەتلىرى يەرلىك تاراتقۇ نىقابى ئاستىدا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ساختا تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان.

كانادا تەتقىقات ئورگىنى «پۇقرالار تەجرىبىخانىسى» ئېلان قىلغان يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا، ئاسىيا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى 100 دىن ئارتۇق تور بېكەت ئۆزىنى يەرلىك خەۋەر تور بېكىتى قىلىپ كۆرسىتىپ، خىتاينى قوللايدىغان ھەر خىل مەزمۇنلارنى تەشۋىق قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى تارقاتقان تەشۋىقات ماتېرىياللىرى 30 دۆلەتتىكى تور بېكەتلەردە تارقىتىلغان بولۇپ، يەرلىك ئاخبارات ئورگانلىرى بىلەن خىتاي ئورگان تاراتقۇلىرىنىڭ ئورتاقلاشقان خەۋەرلىرى تارقىتىلغان.

مەزكۇر دوكلاتتا: «گەرچە بۇ تور بېكەتلەرنىڭ خىتاينىڭ چەت ئەل تەشۋىقاتىدىكى تەسىرى يوقنىڭ ھېسابىدا بولسىمۇ، ئەمما بۇ تور بېكەتلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى ۋە ئۇلارنىڭ يەرلىك تىل ۋە مەزمۇنغا بولغان ماسلىشىشچانلىققا ئەھمىيەت بېرىشى نەتىجىسىدە، يەرلىك تاراتقۇلار ۋە كۆرۈرمەنلەر تۇيماستىن خىتاينىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا خىتاي تارقاتقان ئۇچۇرلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىدۇ» دېيىلگەن.

مەزكۇر تور بەتلەردىكى مەزمۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتاينى تەنقىد قىلغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلىدىغان سۇيىقەست نەزەرىيەسى ياكى ماقالىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئادەتتە ئامېرىكا ياكى ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا چېتىلىدىكەن.

پۇقرالار تەجرىبىخانىسى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ بۇ تەرىقىدە نىقابلانغان تاشقى تەشۋىقات تور بەتلىرى 2020-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پەيدا بولغان بولۇپ، باش پىلانلىغۇچىسى شېنجېن شەھەرلىك خەيمەي يۈنشياڭ مېدىيا چەكلىك شىركىتى ئىكەن. خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتلىرى گەرچە زور تەسىر پەيدا قىلالمىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا سەل قاراشقا بولمايدىكەن.

2001-يىلى قۇرۇلغان «پۇقرالار تەجرىبىخانىسى» كانادا تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتى مۇنك يەرشارى ئىشلىرى ئىنستىتۇتىغا جايلاشقان پەنلەر ئارا تەجرىبىخانا بولۇپ، مەزكۇر تەجرىبىخانا ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارىلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ۋە كىشىلىك ھوقۇققا تەھدىت سالىدىغان ئۇچۇر كونتروللۇقىنى تەتقىق قىلىشقا مەركەزلەشكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 1860 قېتىم كۆرۈلدى
09/02/2024 16:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق