ئامېرىكىلىق خىتاي ئىنژېنېر خىتاينى باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگەن

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكا پۇقراسى بولغان بىر خىتاي ئىنژېنېرىنى خىتاي رېجىمىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكا مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغانلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 7-فېۋرال ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىدا گۇڭ چېنگۇاڭ ئىسىملىك خىتاي ئىنژېنېرنى قولغا ئالغان بولۇپ، 57 ياشلىق مەزكۇر خىتاي ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان، يادرولۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش، باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئىز قوغلاش تېخنىكىلىرىنى ئوغرىلىغانلىقى سەۋەبلىك ئەيىبلەنگەن.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى باياناتىدا كالىفورنىيە ئىشتاتى سان ھوزېيدە شەھىرىدە ياشاۋاتقان گۇڭ چېنگۇاڭنىڭ سەيشەنبە كۈنى قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ئۇنىڭ 2011-يىلى ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەنلىكىنى، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنىڭ چارشەنبە كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر خىتاي ئوغرىلىغان تېخنىكا مەخپىيەتلىكلىرى ئەگەر خەلقئارادىكى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەتەر بولىدىكەن.

تەپتىش ئەمەلدارى مارتىن ئېسترادا گۇڭ چېنگۇاڭنىڭ ئىلگىرى خىتاي ھەربىي قىسىملىرىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن، ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى، باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا مۇناسىۋەتلىك سەزگۈر مەخپىي ئۇچۇرلارنى ئوغرىلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ تېخنىكىمىزنى ئوغرىلىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. ئەمما بىز ئامېرىكا كارخانىلىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى قوغداش ئارقىلىق، بۇ تەھدىتكە قارشى ھوشيارلىقنى ساقلايمىز» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، گۇڭ چېنگۇاڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئېلان قىلىنغان سوت ھۆججىتىگە ئاساسلانغاندا، ئۇ بۇلتۇر لوس ئانژېلېس رايونىدىكى بىر تەتقىقات شىركىتىدە قىسقا مۇددەت ئىشلەش جەريانىدا، خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، 3600 دىن ئارتۇق ھۆججەتنى كۆچۈرۈۋالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1823 قېتىم كۆرۈلدى
09/02/2024 16:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق