خىتاي ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش پىلانىنى ئېلان قىلدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلەرنى ئاتالمىش «كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش» باھانىسى چېقىپ ئۆزگەرتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل يەنە 3696 يۈرۈش ئۆينى چېقىپ ئۆزگەرتىشنى پىلانلىغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 8-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي رېجىمى بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «خەتەرلىك كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش» نامىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بەش تەۋەلىك رايوندىكى 3696 يۈرۈش ئۆينى چېقىپ ئۆزگەرتىشنى پىلانلىغان. 

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي 2010-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «كەپىلىك مەھەللىلەرنى چېقىپ ئۆزگەرتىش» نامىدا ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلەرنى چېقىپ ئۆزگەرتىشكە باشلىغان بولۇپ، 2023-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا جەمئىي 49 مىڭ 662 يۈرۈش ئۆي ۋە رايوننى چېقىپ، خىتايچە ئۇسلۇبقا ئۆزگەرتكەن. 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەھەر-بازارلىرىدىكى جەمئىي 1 مىليون 797 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي چېقىپ ئۆزگەرتىلگەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ۋەيران قىلىش پىلانىدا 2000-يىلىدىن بۇرۇن سېلىنغان ئولتۇراق رايون ئاساس قىلىنغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى، غۇلجا شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى، كۇچا شەھىرى، خوتەن شەھىرىدىن ئىبارەت بەش شەھەردە نۇقتىلىق ئىجرا قىلىنغان.

خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللار مابەينىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن ئىسلامىي، مىللىي قىممەت قاراشلىرىدىن، ئۆز مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاپ، نارازىلىق بىلدۈرگەنلەرنى قىرغىن قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر-ئىسلام مەدەنىيىتى ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلەرنى، ھويلا-ئاراملارنى ئاتالمىش تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن مەجبۇرىي چېقىشقا باشلىغانىدى. خىتاي بۇ يىلمۇ مەزكۇر رەزىل پىلانىنى داۋاملىق كۈچەپ ئىجرا قىلىشنى پىلانلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 3332 قېتىم كۆرۈلدى
09/02/2024 16:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق