فىلىپپىن خىتايغا قارشى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرماقچى

فىلىپپىن خىتاينىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ھىندىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سېتىۋېلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 9-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، فىلىپپىن خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاۋارىچىلىك ۋە تەھدىتلىرىگە قارشى ئۈچۈن ھىندىستاندا ئىشلەنگەن «BrahMos» ناملىق ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلغان.

ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە تەتقىقات ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى سامىر كاماتنىڭ ئېيتىشىچە، «BrahMos» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا كېلەر ئاي فىلىپپىنغا يەتكۈزۈلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھىندىستاننىڭ بىراخماپۇترا دەرياسى ۋە رۇسىيەنىڭ موسكۋا دەرياسىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان «BrahMos» باشقۇرۇلىدىغان بومبا فىلىپپىن دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بۇ رايوندىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىكەن. مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ كۈچى دۇنيادىكى بىخەتەر دېڭىز قىرغىقى چېگراسى ئەڭ ئۇزۇن بولغان فىلىپپىننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

فىلىپپىن ئەمەلدارلىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئاللىبۇرۇن دەلىللىگەن بولۇپ، دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى جوناتان مالايا: «فىلىپپىن 2024-يىلى بىرىنچى پەسىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاۋازدىن يۇقىرى دەۋرىگە كىرىدۇ» دېگەن.

بىر قىسىم تەھلىلچىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ھەرىكىتىنىڭ رايون ۋەزىيىتىدە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى، خىتايغا تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ۋە شۇنداقلا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ فىلىپپىن ئارمىيەسىنىڭ تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى غەربىي فىلىپپىن دېڭىزىدىكى زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسىدە رەقىبلىرىگە كۈچلۈك سىگنال بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1641 قېتىم كۆرۈلدى
10/02/2024 15:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق