ئىرقىي قىرغىنچىلىققا چېتىلغان گېرمانىيە شىركىتى شەرقىي تۈركىستاندىن چېكىنىشكە باشلىدى

گېرمانىيەنىڭ داڭلىق خىمىيە شىركىتى BASF شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا چېتىلىش بىلەن كۆپلەپ ئەيىبلەنگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى شېرىك شىركەتلەر بىلەن سودا ئالاقىسىنى ئۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە خىمىيە شىركىتى BASF ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولۇش بىلەن كۆپلەپ تەنقىدكە ۋە بېسىمغا ئۇچرىغان بولۇپ، شىركەت 9-فېۋرال شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىككى خىتاي شىركىتى بىلەن ھەمكارلىقىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى، مەزكۇر شىركەتلەردىكى پېيىنى تېزلىكتە ساتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

گېرمانىيە خىمىيە شىركىتى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ كورلىدىكى ئىككى ئىشلەپچىقىرىش ئورنىنىڭ رىقابەت بېسىمى ۋە تەمىنلەشنىڭ ئېشىشىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئاللىبۇرۇن چېكىنىش باسقۇچىغا ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىككى خىتاي شىركىتىنىڭ دوكلاتلاردا ئاشكارىلانغان پائالىيەتلىرىنىڭ BASF شىركىتىنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا ماس كەلمەيدىغانلىقى، بۇ سەۋەبتىن چېكىنىشنى قارار قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.

شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مارتىن بىرۇدېرمۇلېر بۇ قارارنى دەلىللەپ، بىر نەچچە ئاي ئىچىدە چېكىنىش باسقۇچلىرىنى تاماملاشقا ۋەدە بېرىدىغانلىقىنى، خىتاي شىركەتلىرىدىكى ئەھۋالنىڭ شىركەتنىڭ قىزىل سىزىقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىلگىرى گېرمانىيە شىركىتى BASF ھەمكارلاشقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نوپۇسىنى كونترول قىلىش ۋە باستۇرۇشقا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3532 قېتىم كۆرۈلدى
10/02/2024 16:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق