خىتاي ئىككى ئۇيغۇر ئەمەلدارنى تەكشۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى «مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلدى» دېگەن باھانە بىلەن، خىتايغا جان پىدالىق بىلەن ئىشلەۋاتقان ئىككى ئۇيغۇر ئەمەلدارنى جازالىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 9-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئەدلىيە نازارىتى پارتكومىنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى، قورچاق نازىر ئەنۋەر سىيت «ئۆزى تۆلەيدىغان خىراجەتنى باشقىلارنى تۆلەشكە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى» سەۋەبلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

ئەنۋەر سىيىت 1984-يىلى 9-ئايدا خىتاي كومپارتىيەسىگە ئەزا بولغان بولۇپ، 1986-يىلىدىن باشلاپ خىتايغا جان پىدالىق بىلەن ئىشلەشكە باشلىغان ۋە ئاخىر ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇدىرى بولغان مەزگىلىدە جازالانغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئەنۋەر سىيىت 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە تۈرلۈك خىراجەتلىرىنى خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنلىرىغا تۆلەتكۈزگەنلىكى، ئۇنىڭ يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ باشقا مەسىلىلىرىنىڭمۇ بارلىقى، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلگەندىن باشقا، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلەر تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي رېجىمى يەنە خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، قورچاق رەئىس ئەخمەتجان مەمتىمىننى «سوۋغات پۇلى قوبۇل قىلىش» باھانىسى بىلەن، تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە يوللىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

خەۋەردە قاراقاش ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، قورچاق رەئىس ئەخمەتجان مەمتىمىننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات، پۇل قوبۇل قىلغانلىقى، زىياپەتكە قاتناشقانلىق باھانىسى بىلەن جازالانغانلىقى قەيت قىلىنغان. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى سەۋەبلىك، پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلگەندىن باشقا، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

خىتاي رېجىمى يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىرقىي قىرغىنچىلىق، تېررور سىياسىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا پۇقرالارغا ئىجرا قىلىپلا قالماي، خىتاي رېجىمى ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەمەلدارلارغىچە كېڭەيتكەن بولۇپ، ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى تازىلاش»، «سوۋغات قوبۇل قىلىش» باھانىسى بىلەن كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە باستۇرماقتا. خۇسۇسەن بولۇپمۇ مائارىپ، نەشرىيات، ئاخبارات ساھەسى خىتاينىڭ ئەڭ ئېغىر زەربە نىشانىغا ئايلانماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3919 قېتىم كۆرۈلدى
10/02/2024 16:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق