تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن خىتاي ھاۋا شارىنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيدى

خىتاي رېجىمى قويۇپ بەرگەن جاسۇسلۇق ھاۋا شارىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن كۈندىلىك ئۇچۇپ ئۆتۈش قېتىم سانى بارغانسېرى كۆپەيگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 9-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ سەككىز ھاۋا شارىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى، ھاۋا شارىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن كۈنلۈك ئۇچۇپ ئۆتۈش ھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تۇنجى ھاۋا شارى شارى 8-فېۋرال ئەتىگەندە بايقالغاندىن باشلاپ، ئەڭ ئاخىرقى ھاۋا شارى شۇ كۈنى كەچتە يەنە بايقالغان. ھاۋا شارىنىڭ ئىككىسى تەيۋەن ئارىلىدىن ئۆتكەن، بىرى تەيۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا غايىب بولغان، يەنە بىرى تەيۋەن ئارىلىنىڭ شىمالىغا يۆتكەلگەن.

تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ دېڭىز ۋە ھاۋا بوشلۇقى ھەرىكەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، 9-فېۋرال شۇ جاي ۋاقتى سائەت 6:00 دىن 10-فېۋرالغىچە بولغان ئارىلىقتا، خىتاينىڭ بەش كۈرەشچى ئايروپىلانى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى، تۆت بىرلەشمە ئۇرۇش پاراخوتى تەيۋەن بوغۇزى ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلغانلىقىنى، ئايروپىلاندىن ئىككىسى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ مەركىزى لىنىيەسىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ھەرىكىتىنى تەيۋەننىڭ غەربىي جەنۇبى ۋە شىمالىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا كېڭەيتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ  ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئايروپىلانى پاراخوت ۋە قىرغاقنى ئاساس قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئارقىلىق ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىپ ئىنكاس قايتۇرىدۇ» دېگەن.

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب قايتۇرمىغان. گەرچە تەيۋەن ئۆتكەن يىلى 12-ئايدىن باشلاپ خىتاي ھاۋا شارىنىڭ ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بۇنىڭغا پىسەنت قىلماي، تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1384 قېتىم كۆرۈلدى
12/02/2024 10:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق