خىتاي بۇ يىل قەشقەرنى خىتايلارنىڭ باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ شۆبە رايونى قىلدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش، شۇنداقلا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى شۆبە مەيدانىنىڭ بىرىنى قەشقەر قىلىپ بېكىتتى.

10-فېۋرال خىتايلارنىڭ باھار بايرىمى بولۇپ، خىتاي بۇ يىللىق باھار بايرىمى سەنئەت كېچىلىكى پىروگراممىسىنى بېيجىڭدىكى ئاساسلىق سورۇندىن باشقا، شېنياڭ، چاڭشا، شىئەن ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھىرىدىن ئىبارەت تۆت تارماق ئورۇندا ئۆتكۈزگەن.

خىتاي مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2024-يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ شۆبە مەيدانى بولغان قەشقەردە تەييارلانغان ئاتالمىش «گۈزەللىك شىنجاڭدا» ناملىق نومۇرنى CCTV 1-قانىلىدا تارقاتقان. خىتاي بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە ئالاھىدە تەييارلىق قىلغان بولۇپ، بىر نەچچە ھەپتىدىن بېرى خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى بۇنى ئالاھىدە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرگەنىدى. كېچىلىكتە خىتايلار ئارىسىدا تونۇلغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ناخشىچى، ئۇسسۇلچىلار بۇ پائالىيەتتە ئالاھىدە نومۇر ئورۇنلاپ، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ماسلاشقان.

قەشقەر ۋىلايەتلىك كوممۇنىست پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى سۇ جاۋبىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ قەشقەر شەھىرىنى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ شۆبە مەيدانى قىلىپ بېكىتىشى ھەققىدە: «قەشقەرنى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ شۆبە مەيدانى قىلىش شىنجاڭغا نىسبەت بىر چوڭ بىر ئىش. بۇ كومپارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە مەركىزىي رادىيو -تېلېۋىزىيەسىنىڭ مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قوللانغان ئەمەلىي تەدبىرى» دەپ بىلجىرلىغان.

بۇ خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم باھار بايرىمىلىق كېچىلىكنى شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، خوڭكوڭ تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان تەھلىلىدە شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان جەنۇبقا جايلاشقان قەشقەر شەھىرىنى خىتاينىڭ باھار بايرىمىلىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ شۆبە مەيدانى قىلىپ بېكىتىش خىتاي رېجىمىنىڭ بىخەتەرلىككە بولغان ئىشەنچىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

خىتاي رېجىمى بۇ يىل شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى بايرام ئۆتكۈزۈشكە تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشقان دەرىجىدە مەجبۇرلىغان بولۇپ، خىتايلارنىڭ باھار بايرىمىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىختىن بېرى تەبرىكلەپ كەلگەن ئەنئەنىۋى بايرىمى ئىكەنلىكى كۆپلەپ تەشۋىق قىلىنغان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارلىق شەھەر، يېزا-كەنتلىرىدە خىتايلارنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئوقۇغۇچىلارغا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە مەجبۇرىي خىتاي كىيىمى كىيدۈرۈلۈپ، خىتايچە ئۇسسۇللار ئوينىتىلغان. خىتاي خەۋەرلىرىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن بىرلىكتە ئاتالمىش «ھارپا ئېشى» يەپ بايرام تەبرىكلىگەنلىكى ئالاھىدە خەۋەر قىلىنغان.

تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي رېجىمى قەشقەرنى چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ شۆبە مەيدانى قىلىپ بېكىتىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئەيىبلەنگەن خەلقئارالىق خەۋەرلەر ۋە ئەيىبلەشلەرگە قارشى تۇرۇشقا ئۇرۇنغان. خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە باشلىغاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىلىرىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى چەكلەش بىلەن بىرگە، خىتاي كۈلتۈرى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە بايراملىرىنى زورلاپ تاڭماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3461 قېتىم كۆرۈلدى
12/02/2024 11:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق