تۈركىيەنىڭ داڭلىق پۇتبول كۇلۇبلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈردى

10-فېۋرال كەچتە تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا باشلانغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ناملىق ھەشتەگ پائالىيىتىدە ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمىنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق سابىق باش كونسۇلى سۈي ۋېينىڭ 2019-يىلى ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلگەن بولۇپ، تۈركىيەدىكى داڭلىق شەخسلەر ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىدى.

2019-يىلى مارت ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن باھار بايرىمى پائالىيىتىدە، خىتاينىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى باش كونسۇلى سۈي ۋېي دوغان خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئىرقي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاقلاپ: «كېسەل بولغان مېڭىلەرنى داۋالاۋاتىمىز» دەپ بىلجىرلىغانىدى.

ئۇنىڭ قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلگەن بۇ بىلجىرلاشلىرىغا قارشى تۈركىيەدىكى ئەڭ داڭلىق پۇتبول كۇلۇبلىرىنىڭ بىرى بولغان گالاتاساراينىڭ كوماندا باشلىقى كېرەم ئاقتۈركئوغلى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ X ھېسابىدا: «كېسەل بولغىنى ئۇلار (ئۇيغۇرلار)نىڭ مېڭىسى ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنى مەجبۇرىي ھالدا ئائىلىسىدىن ئايرىپ، جازا لاگېرلىرىغا قامىغان ئىرقىي قىرغىنچى ئىدىيە» دەپ يازدى.

كېرەم ئاقتۈركئوغلۇنىڭ رەددىيە بايانى قىسقىغىنا بىر-ئىككى سائەت ئىچىدە تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈنتەرتىپكە كەلدى. بۇ رەددىيەگە يۈزمىڭلىغان كىشى ئىنكاس يازدى ھەمدە ھەمبەھىرلىدى. ئۇندىن باشقا تۈركىيەدىكى ئەڭ داڭلىق پۇتبول كۇلۇبىدىن بىرى بولغان تىرابزون كوماندىسىمۇ رەسمىي ھېسابىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرگە قاراتقان زۇلۇم، باستۇرۇشلىرىغا غەزىپىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بىر تۈركۈم ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە نۇرغۇنلىغان داڭلىق شەخسلەرمۇ بۇ ھەرىكەتكە ئاۋاز قوشتى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1856 قېتىم كۆرۈلدى
12/02/2024 14:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق