تۈركىيەنىڭ ئەڭ يېڭى نوپۇسى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلار

بۇ يىل 5-يانۋار تۈركىيە ھۆكۈمىتى نوپۇس ئىستاتىستىكىسىغا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغان. تۈركىيەنىڭ نوپۇسىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلار تۆۋەندىكىچە:

تۈركىيەنىڭ ئەڭ يېڭى نوپۇسى 85 مىليون 279 مىڭدىن ئاشقان. بۇ نوپۇسنىڭ 42 مىليون 704 مىڭى ئەرلەر، 42 مىليون 575 مىڭى ئاياللار ئىكەن. ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %50.1 ىنى ئەرلەر، %49.9 ىنى ئاياللار ئىگىلەيدىكەن.

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان، رەسمىي تىزىمغا ئېلىنغان چەت ئەللىكىلەرنىڭ نوپۇسى جەمئىي 1 مىليون 823 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ %49.5 ىنى ئەرلەر، %50.5 ىنى ئاياللار ئىگىلەيدىكەن.

تۈركىيەنىڭ يىللىق نوپۇس كۆپىيىش نىسبىتى 2021-يىلى 12.7 بولۇپ، 2022-يىلىغا كەلگەندە 7.1 گە چۈشكەن.

2021-يىلى تۈركىيە نوپۇسىنىڭ %6.8 ى يېزا نوپۇسى بولۇپ، بۇ نوپۇس 2022-يىلىغا كەلگەندە %6.6 كە چۈشكەن.

تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى بولغان ئىستانبۇلنىڭ رەسمىي نوپۇسى 15 مىليون 907 مىڭ، ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بولغان پايتەخت ئەنقەرەنىڭ نوپۇسى 5 مىليون 782 مىڭ، ئۈچىنچى چوڭ شەھىرى بولغان ئىزمىرنىڭ نوپۇسى 4 مىليون 462 مىڭ، تۆتىنچى چوڭ شەھىرى بولغان بۇرسانىڭ نوپۇسى 3 مىليون 194 مىڭ، بەشىنچى چوڭ شەھىرى بولغان ئادانانىڭ نوپۇسى 2 مىليون 688 مىڭ ئىكەن.

تۈركىيەنىڭ نوپۇسى ئەڭ ئاز ۋىلايىتى بايبۇرت بولۇپ، جەمئىي نوپۇسى 84 مىڭ ئىكەن. ئىككىنچى ئورۇندا تۇنجەلى ۋىلايىتى بولۇپ، نوپۇسى 84 مىڭ ئىكەن. ئۈچىنچى ئورۇندا ئارداھان بولۇپ، نوپۇسى 92 مىڭ ئىكەن. تۆتىنچى ئورۇندا كۈمۈشخانە بولۇپ، نوپۇسى 144 مىڭ ئىكەن. بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى كىلىس ۋىلايىتى بولۇپ، نوپۇسى 147 مىڭ ئىكەن.

تۈركىيەنىڭ تارىختىن بۇيانقى نوپۇسى تۆۋەندىكىچە:

1927-يىلىدىكى نوپۇسى 13 مىليون 648 مىڭ

1935-يىلىدىكى نوپۇسى 16 مىليون 158 مىڭ

1940-يىلىدىكى نوپۇسى 17 مىليون 820 مىڭ

1950-يىلىدىكى نوپۇسى 20 مىليون 947 مىڭ

1980-يىلىدىكى نوپۇسى 44 مىليون 736 مىڭ

2000-يىلىدىكى نوپۇسى 67 مىليون 803 مىڭ

2007-يىلىدىكى نوپۇسى 70 مىليون 586 مىڭ

2010-يىلىدىكى نوپۇسى 73 مىليون 722 مىڭ

2015-يىلىدىكى نوپۇسى 78 مىليون 741 مىڭ

2020-يىلىدىكى نوپۇسى 83 مىليون 614 مىڭ

بۇلاردىن باشقا، تۈركىيەنىڭ نوپۇسى يىلدىن-يىلغا قېرىشقا باشلىغان بولۇپ، ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش بولغان 2023-يىلقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشتا، تۈركىيەنىڭ 65 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ نوپۇسى تارىختا تۇنجى قېتىم 8 مىليون 722 مىڭدىن ئېشىپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %10.2 ىنى ئىگىلىگەن. ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى تۆۋەندىكىچە بولغان:

1935-يىلى تۈركىيەنىڭ ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %3.9 بولۇپ، 1970-يىلىغا كەلگەندە %4.4 بولغان. 2000-يىلى %5.7 گە يەتكەن بولۇپ، 2010-يىلى %7.2 بولغان. 2020-يىلى بولسا %9.5 گە يەتكەن.

يېڭى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشتا، تۈركىيەدە بالاغەت يېشىغا يەتكەندىن كېيىنمۇ ئۆيلەنمەي ۋە توي قىلماي يالغۇز ياشايدىغانلارنىڭ سانى يىلدىن-يىلغا كۆپىيىشكە باشلىغان بولۇپ، 2015-يىلى يالغۇز ياشاشنى تاللىغانلارنىڭ نىسبىتى %3.1 كە يەتكەن بولسا، 2020-يىلى %4.4 كە يەتكەن. 2023-يىلى بولسا %5.2 كە يېتىپ، بالاغەت يېشىغا يەتكەندىن كېيىنمۇ ئۆيلەنمەي ۋە توي قىلماي يالغۇز ياشايدىغانلارنىڭ سانى 5 مىليون 192 مىڭغا يەتكەن.
تە
ييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 1691 قېتىم كۆرۈلدى
12/02/2024 16:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق