ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نامايىش قىلدى

ھىندىستاننىڭ كالكۇتتا شەھىرىدىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى خىتاينىڭ كالكۇتتادا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

ھىندىستان تېلېگرام خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ كالكۇتتا شەھىرىدىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى 11-فېۋرال خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشى، شۇنداقلا خىتاينىڭ 2023-يىلى پۈتكۈل ئارۇناچال پىرادېش ئۆلكىسىنىڭ خىتاي زېمىنىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى قىلىپ تۈزۈپ چىققان يېڭى خەرىتىسىنى رەت قىلىپ نامايىش قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 11-فېۋرال كالكۇتتادىكى ئىسلام تىنچلىق جەمئىيىتى خىتاينىڭ مەزكۇر شەھەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان خورلاش، باستۇرۇش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزگەن. نامايىشچىلار يەنە خىتاينىڭ «خەرىتە تاجاۋۇزچىلىقى»نى ئەيىبلىگەن بولۇپ،  خىتاي رېجىمى 2023-يىلى ئاتالمىش «ئۆلچەملىك خەرىتە»سىنى ئېلان قىلىپ، پۈتكۈل ئارۇناچال پىرادېشنى خىتاي زېمىنىغا كىرگۈزگەنىدى.

رايوندىكى ساقچىلارنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن 50 كە يېقىن نامايىشچى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرغانلىقى ۋە يېڭى خەرىتىسى ھەققىدىكى مەزمۇنلار بېسىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ سىرتىدا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، شوئار توۋلىغان.

ئىسلام تىنچلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نەجىبۇللاھ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلىگەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ نامايىش ئارقىلىق قېرىنداشلىرىنى قوللاپ، خىتايغا نارازىلىقىنى بىلدۈرمەكچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ يەنە: «بىز خىتاينىڭ  ئارۇناچال پىرادېشتىكى ئىگىلىك ھوقۇقىمىزغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە ھىندىستان خەلق پارتىيەسى، ئۇنىڭغا قاراشلىق گۇرۇپپىلار ۋە تىبەتنى قوللايدىغان گۇرۇپپىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا بىر نەچچە قېتىم نامايىش ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىمقىسى كالكۇتتادا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارشى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئۆتكۈزگەن تۇنجى نامايىشى ھېسابلىنىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 10105 قېتىم كۆرۈلدى
14/02/2024 10:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق