ئامېرىكا بىلەن خىتاي ھىندونېزىيە سايلىمىغا دىققەت قىلماقتا

ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەنمەكتە.

بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 13-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن ھىندونېزىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا ئامېرىكا بىلەن خىتاي دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھىندونېزىيەنىڭ رايوندىكى مۇھىم ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي رولى ئىكەن.

ھىندونېزىيە ئۇزۇندىن بېرى خىتاي بىلەن ئامېرىكىنى تەنقىدلەش مەسىلىلىرىدە ئاساسەن سۈكۈت قىلىش يولىنى تۇتقان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇداپىئە مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتكەن ھەمدە خىتايدىن زور مەبلەغكە ئېرىشكەن. تەھلىلچىلەر ئەگەر ئالدىنقى قاتاردا ئورۇن ئالغان نامزات پىرابوۋو سۇبىئانتو سايلامدا غەلىبە قىلىپ قالسا، بۇ دۆلەتنىڭ بىتەرەپلىك سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. چۈنكى سۇبىئانتو ئامېرىكا بىلەن خىتاينى ئوچۇق-ئاشكارا ماختىغان.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلىتى ھىندونېزىيە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتە مۇھىم جەڭ مەيدانى بولۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان تەيۋەن، ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشلىرى ۋە تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بىر رايون بولۇپ كەلگەن. بۇ سەۋەبلىك، مەزكۇر دۆلەتنى كونترول قىلغۇچى كۈچنىڭ قانداق سىياسىي مەيداندا تۇرۇپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1659 قېتىم كۆرۈلدى
14/02/2024 13:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق