ئەنگلىيە ئەقىل ئامبىرى: دۇنيا تېخىمۇ خەتەرلىك ئون يىلغا دۇچ كەلدى

ئەنگلىيەنىڭ ھەربىي ئەقىل ئامبىرى - خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئىنستىتۇتى «ھەربىي تەڭپۇڭلۇق» سەرلەۋھەلىك يىللىق دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، دۇنيانىڭ بىخەتەرلىك مۇھىتىنىڭ ئالاھىدە تۇراقسىز ھالەتكە كىرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ مەزكۇر دوكلات ھەققىدىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتىكى ھەربىي بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى كەلگۈسى ئون يىلنىڭ تېخىمۇ خەتەرلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى، بۇ بەزى ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق تەشەببۇسى ئۈچۈن، ھەربىي كۈچىنى قالايمىقان ئىشلىتىشىدە گەۋدىلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

13-فېۋرال ئېلان قىلىنغان مەزكۇر دوكلاتتا يەنە «خەتەرلىك دەۋر»نىڭ دۇنيا مۇداپىئە سانائىتى ئەندىزىسىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، نەچچە ئون يىللىق مەبلەغ يەتمىگەنلىكى سەۋەبلىك، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئوق-دورا ئىشلەپچىقىرىشنى كۆپەيتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

رۇسىيە ئۇكرائىناغا كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلغىنىغا ئىككى يىل توشۇشقا يېقىنلاشقان بىر مەزگىلدە، لوندونغا جايلاشقان خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئىنستىتۇتى رۇسىيەنىڭ توقۇنۇشتا تەخمىنەن 3000 تانكىسىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بۇ ساننىڭ ئۇرۇش تۇنجى باشلانغان ۋاقىتتىكىگە تەڭ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

170 نەچچە دۆلەتنىڭ ھەربىي ۋە مۇداپىئە مالىيەسى باھالانغان مەزكۇر يىللىق دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇكرائىنا ھازىرغا قەدەر غەربنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئۇرۇشتا تارتقان ھەربىي زىيىنىنى تولۇقلىغان ۋە بۇ جەرياندا ئەسلىھەلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرگەن.

خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى باستىيان گىگېرىچ بۇ ھەقتە: «غەرب ھۆكۈمەتلىرى ئۇكرائىنانى يېتەرلىك قورال بىلەن تەمىنلەپ ھەل قىلغۇچ زەربە بېرىش ياكى يېتەرلىك قورال بىلەن تەمىنلەپ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسىدە قارار چىقىرىشتا ئىككىلىنىپ قالدى» دېگەن.

خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇداپىئە ئىقتىسادى مۇتەخەسسىسى فېنېللا مىكگېرتى فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىغا ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنانى 60 مىليارد دوللارلىق ئۇرۇش ياردىمى بىلەن تەمىنلەش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 13-فېۋرال مەزكۇر ياردەم قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىغان بولسىمۇ، ئاۋام پالاتاسىدىكى كۆپ سانلىق جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1698 قېتىم كۆرۈلدى
14/02/2024 13:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق