نورۋېگىيە خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ياۋروپانى قاپلىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇردى

گېرمانىيە، ئەنگلىيە ۋە باشقا كۆپلىگەن دۆلەتلەر خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن، نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك خىرىسلىرى توغرىسىدا يېڭى يىللىق دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتتا خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ياۋروپانىڭ ھەممە يېرىگە تارقالغانلىقى ۋە خىتاي ئىستىخبارات تورىنىڭ ياۋروپاغا بىخەتەرلىك تەھدىتى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نورۋېگىيە ئىستىخبارات ئورگىنى 12-فېۋرال ئېلان قىلغان ھۆججەتتە: «خىتاينىڭ پائالىيىتى سىياسىي ئىستىخبارات ۋە سانائەت جاسۇسلۇقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تور بوشلۇقى خىتاينىڭ ئاساسلىق كىرىش ئېغىزى» دېيىلگەن.

نورۋېگىيە ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرى بىر تۈركۈم كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەر ۋە رەقەملىك ئۇل ئەسلىھەلىرى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ھەرىكەت ئىزىنى يوشۇرۇش ۋاسىتىلىرى بىلەن ياۋروپادا ھەرىكەت قىلغان. خىتاي بۇ ھەرىكەتلىرىنى يالغۇز ئىجرا قىلمايدىغان بولۇپ، تاشقى ئىشلار ئەمەلدارلىرى، ساياھەت ۋەكىللەر ئۆمىكى، شەخسلەر، شىركەتلەر، ئالاھىدە مەنپەئەتكە باغلانغان گۇرۇپپىلار ۋە بىر قىسىم پۇقرالارنىڭ ياردىمىدە ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرى يەنە خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋەتكە تايىنىدىكەن. خىتاي قانۇنىغا ئاساسەن، تەلەپ قىلىنغان ئەھۋالدا بارلىق خىتاي پۇقرالىرى ۋە شىركەتلىرى خىتاي رېجىمىنىڭ ئىستىخبارات ئۇچۇرى توپلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك ئىكەن.

نورۋېگىيە ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي، شىمالىي كورىيە، ئىران ۋە بېلارۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قوللىشى سەۋەبىدىن، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى ئەۋزەللىكى تەدرىجىي كېڭەيگەن. گەرچە خىتاي رۇسىيەنى تەييار قورال بىلەن بىۋاسىتە تەمىنلىمىگەن بولسىمۇ، ئەمما قورال-ياراغ سانائىتىگە پايدىلىق ماشىنا، ئۈسكۈنە، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ۋە زاپچاسلار بىلەن تەمىنلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1842 قېتىم كۆرۈلدى
15/02/2024 11:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق