ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئۇكرائىنا، ئىسرائىلىيەگە قاراتقان ياردەم پىلانىنى تەستىقلىدى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئۇكرائىنا، ئىسرائىلىيە ۋە تەيۋەنگە قاراتقان 95 مىليارد دوللارلىق ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى سەيشەنبە كۈنى ئۇكرائىنا، ئىسرائىلىيە ۋە تەيۋەنگە قاراتقان 95 مىليارد دوللارلىق ياردەم لايىھەسىنى ماقۇللىغان بولۇپ، بۇ پىلان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ يېرىمىغا يېقىن ئەزاسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئەمما مەزكۇر ياردەم لايىھەسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن ئاۋام پالاتاسىدا قارشىلىققا دۇچ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە، مەزكۇر پىلان لايىھەسى نۇرغۇن قېتىم ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۇچ كەلگەن. ئاۋام پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىدا تېخىمۇ كۆپ بىخەتەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش مەسىلىسىنى باغلاشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللانغاندىن كېيىن، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان ئاۋام پالاتاسى مايك جونسون بۇ پىلان لايىھەسىنى ئەسلى تېكىستى بويىچە تاپشۇرمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ياردەم پىلانى ئىچىدە ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقان.

«ئازادلىق كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن ماقۇللانغان ئۇكرائىنا، تەيۋەن ۋە ئىسرائىلىيەگە 95 مىليارد دوللارلىق ياردەم پىلانى ئاۋام پالاتاسىنى كونترول قىلىۋاتقان تىرامپنىڭ قوللىغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن. رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئالدىدا، ئۇكرائىنانىڭ تەقدىرى نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر نەچچە گۇرۇپپىنىڭ قارارىغا باغلىق بولۇپ قالغان. بۇ ھەقتە قارار چىقىرىش مەسىلىسى مۆتىدىل گۇرۇھ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ۋە تىرامپ گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئىچىدە داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ئاۋام پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر بۇ مەسىلىگە كەلگەندە بۆلۈنۈپ كەتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1797 قېتىم كۆرۈلدى
15/02/2024 11:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق