خىتاي ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلماقتا

ئەنگلىيە ئەقىل ئامبىرى ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇدا 29 يىل مۇداپىئە خامچوتىنى كۆپەيتكەنلىكى، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

لوندوندىكى داڭلىق ھەربىي ئەقىل ئامبىرى - خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئىنستىتۇتى 2024-يىللىق ھەربىي تەڭپۇڭلۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ مۇداپىئە خامچوتىنى ئۇدا 29 يىل كۆپەيتكەنلىكى، بۇ خىتاينىڭ يەر شارى قورال-ياراغ رىقابىتىدە ئارمىيەسىنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى قارار قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دوكلاتقا ئاساسلانغاندا خىتاينىڭ 2023-يىلى ئاجراتقان مۇداپىئە چىقىمى تەخمىنەن 219 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، يىللىق ئېشىش نىسبىتى %5.4 بولغان.

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي كۈچىنى داۋاملىق كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ ئارقىلىق خىتاي ئارمىيەسىنى دۇنياۋى ھەربىي كۈچكە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. خىتاي رېجىمىنىڭ مۇداپىئە چىقىمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى خىتاينىڭ يوشۇرۇن توقۇنۇشقا بولغان تونۇشىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى، تېز غەلىبىنى كۈتۈشتىن ئۇزۇن مۇددەتلىك، سۈركىلىشچان ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە سىياسىتى ئالىي تەتقىقاتچىسى مېيا نوۋېنس خىتاينىڭ ئاستا-ئاستا تەڭشەش ئارقىلىق، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشتا خىتاي ئارمىيەسى بىلەن پۇقرالار ھەربىي سەپەرۋەرلىكنى بىرلەشتۈرمەكچى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدىن ساۋاق ئېلىپ، ھىندى-تىنچ ئوكياندا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان. ئۇندىن باشقا خىتاي يەنە ئۇرۇشتا ئارمىيە بىلەن خەلق سەپەرۋەرلىكنى بىرلەشتۈرۈش ھەققىدىكى قانۇنلارنى تۈزۈپ چىققان.

مېيا نوۋېنس يەنە: «خىتاي يېقىندا تەدبىر قوللىنىپ، زاپاس ئەسكەرلەر بىلەن سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئەسلىدىكى قىسىملىرىغا قايتىپ كېلىشىنى ئاسانلاشتۇردى ۋە ئارمىيەنىڭ پۇقرالار ئىشلىتىدىغان ئۇل ئەسلىھە ۋە يېقىلغۇ زاپىسىنى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلدى» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1856 قېتىم كۆرۈلدى
15/02/2024 12:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق