خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قارشى تۇرۇش ياردەم مەركىزى قۇرۇلدى

ياۋروپادا تۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر تەشكىلاتى بۇ ھەپتە ئىسپانىيەنىڭ مادرىدتا «خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قارشى ياردەم بېرىش مەركىزى» نىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 15-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر تەشكىلاتى «خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قارشى ياردەم بېرىش مەركىزى»نىڭ خىتاي تەلەپ قىلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى ۋە خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ ھەقتە خەلقئارادا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، قانۇن ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر ۋە ئاخبارات كەسپىي خادىملىرىنى ئالاقىدار ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ھەمدە خىتاينىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىگە دۇچ كەلگەن سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى قوشۇمچە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

قوغدىغۇچى مۇھاپىزەتچىلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئەمەلدارى پېتېر داھلىن ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «بىز 2019-يىلىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىپ كېلىۋاتىمىز. بىز باشقا دۆلەتلەرنىڭ سوت خادىملىرى، سوتچىلار، تەپتىشلەر ۋە قانۇننىڭ ئىمتىيازىنى قوغدىغۇچىلارنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ئائىت مەلۇماتلىرىنىڭ كەمچىللىكىنى بىلىمىز. ياردەم مەركىزى خىتاينىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئېھتىياجلىق كىشىلەردىن بىزنى كېرەكلىك بولغان بارلىق مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش دېلوسىدىكى مەيدانىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولغان بولۇپ، بولۇپمۇ 2019-يىلدىن باشلاپ بۇ ئۆزگىرىش ئالاھىدە گەۋدىلەنگەن.

پېتېر داھلىننىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ ئۆزگىرىشنىڭ سەۋەبى خىتاينىڭ جىنايى ئىشلار ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ پاسسىپ تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىشى ۋە خىتايدىكى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئىكەن.

پېتېر داھلىن ئامېرىكا ئاۋازى مۇخبىرىغا يەنە ئۆتكەن يەتتە-سەككىز يىل ئىچىدە خىتاينىڭ جىنايى ئىشلار ئەدلىيە سىستېمىسىدا كۈچلۈك سەلبىي ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ سەۋەبلىك بىز يەنە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئۇسۇلىدا خېلى زور ئۆزگىرىشلەرنى كۆردۇق. 2019-يىلىدىن ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغان ئەھۋاللار ئىنتايىن ئاز كۆرۈلگەن. ئەمما 2019-يىلىدىن كېيىن، ياۋروپادىكى كىشىلەر خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ھېس قىلىشقا باشلىدى» دېگەن ۋە خۇسۇسەن شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭدىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيەت سەۋەبلىك، خىتاينىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1656 قېتىم كۆرۈلدى
17/02/2024 10:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق