ۋولكىسۋاگېن شەرقىي تۈركىستاندىكى زاۋۇتى سەۋەبلىك بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە

كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بېسىمغا دۇچ كەلگەن ۋولكىسۋاگېن شەرقىي تۈركىستاندىكى زاۋۇتىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا باشقا شېرىكلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە باشلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋولكىسۋاگېن 14-فېۋرال خىتايدىكى ھەمكارلاشقۇچى شېرىكلىرى بىلەن ۋولكىسۋاگېن ئاپتوموبىللىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەۋجۇدلۇقى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. بۇندىن ئىلگىرى گېرمانىيە گېزىتىنىڭ ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قاتناشقانلىقى ھەققىدە ئىسپات بارلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى. بۇ مەسىلە گېرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ شىركەت ۋولكىسۋاگېننىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلغان.

گېرمانىيە سودا گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇرپانغا جايلاشقان سىناق يولى ياساش قۇرۇلۇش ئورنىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئائىت ئىسپاتلارنى تاپقان.

ئادرىيان زېنز رويتېرس ئاگېنتلىقىغا يوللىغان ئېلخەتتە، مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بارلىقىغا ئائىت سۈرەت ۋە بايانلارنى توردىن تاپقانلىقىنى، بۇ ئىسپاتلارنى ۋولكىسۋاگېن بىلەن ھەمكارلاشقان شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئادەم ئىشلەتكەن بىر قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ تور بېتىدىنمۇ تاپقانلىقىنى ئېيتقان. بۇ زاۋۇتتا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» شوئارى بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

شىركەت باياناتچىسى دوكلات ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ نۆۋەتتە پاي كونترول ھەمكارلىقى بولمىغان شىركەتلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى كەلگۈسى سودا پائالىيىتىنىڭ يۆنىلىشى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقىنى، ئوخشىمىغان ئەھۋاللارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1493 قېتىم كۆرۈلدى
17/02/2024 10:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق