مۇتەخەسسىسلەر: ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق دەۋرىدىن پايدىلىنىپ بېسىمنى ئاشۇرۇشى كېرەك

بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي ئارقىلىق شىمالىي كورىيەنىڭ قورال-ياراغ پىلانىنى توختىتىش ھەققىدىكى بېسىمنى ئاشۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 15-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، بىر تۈركۈم ئاسىيا ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرى ئامېرىكىنى خىتايغا قارىتا يېڭى ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈشكە چاقىرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش مەزگىلىدە، خىتاي ئارقىلىق شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو قورالى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەبلەغ توپلاش ئىقتىدارىنى چەكلەشكە بېسىم قىلىش تېخىمۇ قولاي ئىكەن. ئەمما قىسمەن كۆزەتكۈچىلەر خىتاينى جازالاش شىمالىي كورىيەنىڭ قورال-ياراغ پىروگراممىلىرىنى چەكلەشكە پايدىسىز، دەپ قارىغان.

ۋاشىنگتونلۇق ئادۋوكات جوشۇئا ستانتون: «خىتاي رېجىمى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ياكى ئېغىر چېكىنىشنىڭ سىياسىي داۋالغۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. خىتاي نۆۋەتتە كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئېشىش باسقۇچىدا ئەمەس، خىتايدىكى بۇ خىل ئەندىشە ئامېرىكىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشى كېرەك ئىدى، ئەمما ئامېرىكىدا بۇ خىل ھەرىكەت يوق» دېگەن.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ئالدىنقى ئاي ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلايدىغانلىقىنى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشىنىڭ 2023-يىلدىكى %5.2 تىن بۇ يىل %4.6 كە چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى، 2025-يىلى يەنە تۆۋەنلەپ %4.1 كە چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.

بۇ يىل 1-ئايدا خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى ئۇدا تۆت ئاي تارايغان بولۇپ، ئۆي-مۈلۈك بازىرى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزى شىددەت بىلەن ئېشىپ، دۆلەتنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاشۇرۇۋەتكەن.

جوشۇئا سىتانتون جۈمە كۈنى ئامېرىكا ئاۋازىغا يوللىغان ئېلخەتتە بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا چېكىنىپ كېتىشتىن ئەنسىرەشكە باشلىغان خىتاي رېجىمىغا بېسىمنى كۈچەيتىشى، شۇنداقلا شىمالىي كورىيەنىڭ ئەمگەك كۈچىدىن پايدىلىنىدىغان خىتاي زاۋۇتلىرى ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1522 قېتىم كۆرۈلدى
17/02/2024 10:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق