خىتاي شىركىتى شېيننىڭ ئامېرىكىدا بازارغا سېلىنىشىنى چەكلەش تەلەپ قىلىندى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيو ئامېرىكا ئاكسىيە سودا كومىتېتىدىن خىتاي پارچە سېتىش شىركىتى شېيننىڭ (Shein) خىتايدىكى سودا تىجارىتى ۋە پائالىيىتى ھەققىدىكى ئېغىر خەتەرنى ئاشكارىلىمىغۇچە، نىيۇيورك بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيو 15-فېۋرال ئامېرىكا ئاكسىيە سودا كومىتېتى رەئىسى گارى گېنسلېرغا ئەۋەتكەن مەكتۇپىدا، شېين شىركىتىنىڭ يېقىندا خىتاي رېجىمىدىن ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشنى تەستىقلاشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ شىركەتنىڭ ھۆججەتلىرىنىڭ توغرىلىقى مەسىلىسىدە گۇمان پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، خىتاي ئاكسىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ 2023-يىلى ماقۇللىغان يېڭى نىزاملىرىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە تەھدىت سالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

رۇبىيو مەكتۇپىدا يەنە خىتاينىڭ بۇ قانۇنلىرىنىڭ شېين شىركىتىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلارنى تىجارىتىنىڭ خەۋپى توغرىسىدا ئالداش ئېھتىماللىقىنى كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىنى، بۇ شىركەتنىڭ ئۆزىنى دۇنياۋى پارچە سېتىش سودىگىرى سۈپىتىدە كۆرسىتىش تىرىشچانلىقىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى، گەرچە شېين شىركىتىنىڭ باش ئىشتابى سىنگاپوردا بولسىمۇ، ئەمما شىركەتنىڭ خىتايدا قۇرۇلغانلىقىنى، بۇ شىركەت خىتايدىكى ئۈچىنچى تەرەپ بولغان مىڭلىغان تەمىنلىگۈچى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ توختىمىغا تايىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، شېين شىركىتى ۋە ئامېرىكا ئاكسىيە سودا كومىتېتى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا تېخى جاۋاب قايتۇرمىغان.

ماركو رۇبىيو كېڭەش پالاتاسى ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇندىن ئىلگىرى خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە دېتالى تىك توكنى چەكلەش قانۇنىنى قوزغاتقان. ئۇنىڭ قارشى مەيدانى شېين شىركىتىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىدىكى ئەڭ يېڭى سىياسىي توسالغۇغا ئايلانغان.

ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا ئىككى پارتىيە ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا پارلامېنت ئەزالىرى ئامېرىكا ئاكسىيە كومىتېتىنى شېين شىركىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلىمىغۇچە، ئۇنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1794 قېتىم كۆرۈلدى
17/02/2024 12:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق