ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى خىتاينىڭ تەھدىتى ھەققىدە توختالدى

ئامېرىكا فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ تەھدىتى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 15-فېۋرالدىن 16-فېۋرالغىچە گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن سودا ئۇيۇشمىسىدا 10-نۆۋەتلىك مىيۇنخېن تور بىخەتەرلىك يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا ئۇچۇر ۋە تور بىخەتەرلىكىدىكى ھەر خىل خىرىسلارغا ئەھمىيەت بېرىلىپ، نۆۋەتتىكى تەھدىت ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋە تېز ئىستراتېگىيەلىك يوللىرى ھەمدە كەلگۈسى ۋەزىيەت مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئامېرىكا فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كىرىستوفىر رېي يىغىننىڭ ئېچىلىش كۈنى خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ تور تەھدىتىگە باھا بېرىپ، ئالدى بىلەن رۇسىيەنىڭ نۆۋەتتىكى خاككېرلىق ھەرىكىتى ھەققىدە سۆزلىگەن.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى نىشان قىلغان پىلانىنى تىلغا ئېلىپ، فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە ئۇنىڭ خەلقئارالىق شېرىكلىرىنىڭ مىڭدىن ئارتۇق خاككېرلار گۇرۇپپىسىدىن تەركىب تاپقان رۇسىيە خاككېرلىق تورىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كرىستوفىر رېي ئارقىدىن خىتاينى تەنقىد قىلىپ، خىتاينىڭ تور تەھدىتىنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي تور تاكتىكىسى بىلەن ئەنئەنىۋى جاسۇسلۇق ۋە ئىقتىسادىي جاسۇسلۇق، چەتتىن يامان غەرەزلىك تەسىر كۆرسىتىش، سايلامغا ئارىلىشىش ۋە دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى بىرلەشتۈرگەن. ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاي رېجىمى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۇنيا سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ خاككېرلىق پىلانىنىڭ خەتىرى باشقا بارلىق چوڭ دۆلەتلەرگە قارىغاندا ئەڭ چوڭ بولۇپ، بۇ كۆلەم ئەۋزەللىكى خىتاي رېجىمىنىڭ سۈنئىي ئىدراكنى ئىشقا سېلىشى بىلەن داۋاملىق كۈچەيتىلگەن. خىتاينىڭ سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىلىرى ئاساسلىقى ئوغرىلانغان يېڭىلىقلار ۋە ئوغرىلانغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئاساس قىلىدىكەن. نۆۋەتتە خىتاي خاككېرلىق ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ئوغرىلاش ھەرىكىتىنى قوزغىغان.

مىيۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنى 16-فېۋرالدىن 18-فېۋرالغىچە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەخمىنەن 450 يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەمەلدارى، خەلقئارالىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، ئاكادېمىكلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى بىرلىكتە دۇنيادىكى ئەڭ جىددىي بىخەتەرلىك خىرىسلارنى مۇھاكىمە قىلىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1849 قېتىم كۆرۈلدى
17/02/2024 12:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق