ئىقتىسادىي خىرىسقا ئەگىشىپ خىتايدىكى قارشىلىق بارغانسېرى كۈچەيگەن

خىتايدىكى ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتايلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست رېجىمغا بولغان نارازىلىقى كۈچەيگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 17-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇست ئېيىدىن باشلاپ، بولۇپمۇ يېڭى يىل ھارپىسىدا خىتايدىكى ئىشچىلارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى ھەرىكەتلىرى كۆپەيگەن.

نىيۇيوركنى مەركەز قىلغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «ئەركىنلىك سارىيى»نىڭ تارماق تور بېتى توپلىغان سانلىق مەلۇماتلاردا ئاشكارىلىنىشىچە، 2023-يىلى تۆتىنچى پەسىلدىكى ئىشچىلار نامايىشى 2022-يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا ئۈچ ھەسسە كۆپەيگەن. تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرى خىتايدىكى مالىمانچىلىق، خىزمەت شارائىتىنىڭ ناچار بولۇشى ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

2023-يىلى 9-ئايدىن 12-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، مەزكۇر تور بېكەت 777 قېتىملىق ئەمگەكچىلەر نامايىشىنى خاتىرىلىگەن بولۇپ، 2022-يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدە قارشىلىق ھەرىكىتىدىن 245 قېتىم يۈز بەرگەنىكەن.

خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق «خىتاي ئەمگەكچىلەر ئاخباراتى»نىڭ مۇستەقىل سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1-يانۋاردىن 3-فېۋرالغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتايدا يەنە 183 قېتىم نارازىلىق نامايىش يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە 40 قېتىم نارازىلىق نامايىشى بولغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىشچىلارنىڭ نامايىشى ئادەتتە مائاش ماجىراسى ۋە ئىش بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1433 قېتىم كۆرۈلدى
19/02/2024 15:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق