خىتاي: كانادا رىقابەتچىمىز ئەمەس، دۈشمىنىمىز تېخىمۇ ئەمەس

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى خىتاي-كانادا مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، كاناداغا يېقىنلىشىش ئىپادىسىنى بىلدۈرۈپ: «كانادا خىتايغا رىقابەتچى ئەمەس، دۈشمەن تېخىمۇ ئەمەس» دېدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 17-فېۋرال كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېلانى جولى بىلەن كۆرۈشكەندە: «ئىككى دۆلەت رىقابەتچى ئەمەس، دۈشمەن تېخىمۇ ئەمەس» دېگەن. ۋاڭ يىنىڭ بۇ سۆزى نۆۋەتتە كانادا ھۆكۈمىتى چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىش ئۇرۇنۇشلىرىدىن ئەنسىرەۋاتقان، بۇ سەۋەبلىك خىتاي بىلەن كانادانىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ جىددىيلىشىۋاتقان بىر ۋاقىتقا توغرا كەلگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ۋاڭ يى شەنبە كۈنى مېلانى جولى بىلەن كۆرۈشكەندە: «خىتاي-كانادا مۇناسىۋىتى ئۇزۇندىن بۇيان خىتاينىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ كەلدى، نۆۋەتتىكى قىيىن ۋەزىيەت خىتاي تەرەپ كۆرۈشنى خالىمايدىغان بىر ۋەزىيەت ئىدى» دېگەن. ۋاڭ يى يەنە كانادانى «خىتاي تەھدىتى نەزەرىيەسى»نى كۆتۈرۈپ چىقماسلىققا، «خىتاي كانادانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى» دېگەندەك يالغان  ئۇچۇرلارنى تارقىتىشنى توختىتىشقا چاقىرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

كانادا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان يىغىن خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، ئىككى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يەنە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى ۋە ئوتتۇرا شەرق كىرىزىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەر شارى بىخەتەرلىككە ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئىككى تەرەپ كۆرۈشۈشتىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ: «ئىككى مىنىستىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش روھى بىلەن، ئىككى تەرەپلىك مەسىلىلەرنى داۋاملىق ئەمەلىي ۋە ئىجابىي ئۇسۇلدا مۇزاكىرە قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ دائىملىق ئالاقىسىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1536 قېتىم كۆرۈلدى
19/02/2024 16:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق