خىتاي ۋەكىلى ب د ت دا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تېررورلۇققا باغلاشقا ئۇرۇندى

خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى جاڭ جۈن 15-فېۋرال ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىلىرى بويىچە ئېچىلغان ئاشكارا يىغىنىدا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يەنە بىر قېتىم تېررورىزمغا چېتىشقا ئۇرۇندى.

خىتاي بېيجىڭ گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى جاڭ جۈن 15-فېۋرال خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىلىرى بويىچە ئاشكارا يىغىنىدا سۆز قىلغان ۋە ئىلگىرى داۋام قىلىپ كەلگىنىدەك شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تېررورىزمغا چېتىپ قارىلاشقا ئۇرۇنغان.

جاڭ جۈن سۆزىدە: «ئافغانىستان چېگراسى ئىچىگە تېررورچى كۈچلەر يىغىلدى. ئىسلام دۆلىتى خۇراسان تارمىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى قاتارلىق تېررورچى كۈچلەر ئۆزئارا تىل بىرىكتۈردى. خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭدىن يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، بارلىق تېررورچى كۈچلەرگە بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، زەربە بېرىشى كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاينىڭ ۋەكىلى جاڭ جۈن يەنە: «ئوخشاشمىغان مەدەنىيەت، ئوخشاشمىغان دىنلارنىڭ باراۋەر سۆزلىشىشى، ئۆزئارا ئۆگىنىشى، ئۆزئارا ئۈلگە ئېلىشى، ئىناق بىللە ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى نەزەرىيەسىنى چۆرۈپ تاشلىشى كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

ھالبۇكى، خىتاي ئىشغالىيەت تارىخىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش»، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئوزۇقلاندۇرۇش»، «دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش»، «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش»، «قۇرئان كەرىمنى سوتسىيالىزمغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ شەرھلەش» دېگەن ناملار بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېتىقادىنى، مەدەنىيىتىنى، تىل-يېزىقىنى، ئەنئەنىلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل چەكلىدى ۋە ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كەلدى.

خىتاي رېجىمى يەنە ئىزچىل تۈردە دىنغا قارشى تېررور سىياسىتى ئىجرا قىلىپ كەلگەن بولۇپ، يېقىندا 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنى چېقىۋەتتى ياكى بۇزۇۋەتتى. خىتاي يەنە بۇنىڭغا ئالاقىدار ئاتالمىش «نىزامنامە»نى ئېلان قىلىپ، ھەرقانداق يوسۇندىكى دىنىي تەلىم-تەربىيەنى، دىنغا ئالاقىدار ھەرقانداق پائالىيەتلەرنى چەكلىگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قاتتىق باستۇرۇپ كەلمەكتە ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تېررورلۇققا باغلاپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1626 قېتىم كۆرۈلدى
19/02/2024 16:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق