ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «تىرىلىش ئۇچرىشىشى» يىغىلىشىدا شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن خىتاب قىلىندى

17-فېۋرال ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان ۋە پەلەستىن مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلگەن «تىرىلىش ئۇچرىشىشى» ناملىق زور كۆلەملىك يىغىلىش داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

ئىستانبۇلنىڭ باكىركۆي رايونىغا جايلاشقان سىنان ئەردەم تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشنى تۈركىيە  IHH ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى تەشكىللىگەن بولۇپ، پەلەستىندە بەش ئايدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ۋەھشىي قەتلىئامنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش، شۇنداقلا خىتاينىڭ ھىيلە-نەيرەڭ بىلەن پەلەستىن خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرغاندەك كۆرۈنۈپ، ئىسلام دۇنياسىغا يېقىنچىلىق قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشنى پاش قىلىش ئاساسلىق تېمىلاردىن بولدى.

پائالىيەتكە تۈركىيەدىكى تونۇلغان دىنىي زاتلار ۋە ئىسلامىي ھەرىكەت باشلامچىلىرى ئىشتىراك قىلغاندىن باشقا، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى، زور كۆلەمدە تۈرك ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئىشتىراك قىلدى.

پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان بىلەن تەقدىرداش پەلەستىندە بەش ئايدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىي قەتلىئامنى ئەيىبلىدى ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان، ئىسلامغا ئالاقىدار بارلىق نەرسىلەرنى قاتتىق چەكلەپ باستۇرغان ئىشغالىيەتچى خىتاينىڭ ھەرخىل ھىيلە-نەيرەڭلىرى بىلەن پەلەستىن خەلقىگە ھېسداشلىق قىلغاندەك كۆرۈنۈپ، شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت كۆز بويامچىلىق قىلمىشلىرىنى پاش قىلدى ۋە پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئەسكەرتىپ كۈچلۈك خىتاب قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1924 قېتىم كۆرۈلدى
19/02/2024 16:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق