چەت ئەلنىڭ خىتايغا سالغان مەبلىغى 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالدى

چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا بىۋاسىتە سالغان مەبلىغىنىڭ 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىلۇمبېرگ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 19-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى خىتايغا سالغان بىۋاسىتە مەبلىغى 1990-يىللارنىڭ بېشىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغان.

خىتاي تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى 18-فېۋرال ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي قوبۇل قىلغان خەلقئارالىق مەبلەغ ئىچىدىكى بىۋاسىتە مەبلەغ قەرزى ئۆتكەن يىلى 33 مىليارد دوللار ئاشقان. بۇ سانلىق مەلۇمات خىتايغا سالغان چەت ئەل مەبلىغى ۋە مەبلەغ سالغان ئورۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك پۇل ئوبوروتىنى خاتىرىلىگەن بولۇپ، 2022-يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %82 تۆۋەنلىگەن. بۇ سانلىق مەلۇمات بويىچە بولغاندا خىتايغا سېلىنغان چەت ئەل مەبلىغى 1993-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان. مەبلەغ سېلىش مىقدارى 1998-يىلىدىن بۇيان 2023-يىلى ئۈچىنچى پەسىلدە تۇنجى قېتىم تۆۋەنلىگەن.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئىلگىرىكى سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا بىۋاسىتە سالغان يېڭى مەبلىغى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1563 قېتىم كۆرۈلدى
20/02/2024 11:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق