ئىستانبۇلدا خىتاينىڭ ئالتە جاسۇسى قولغا چۈشتى

خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرىنى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن ئالتە كىشى ئىستانبۇلدا قولغا چۈشتى.

تۈركىيە خەلقئارا خەۋەرلەر تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر توپلاپ، خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرىغا يوللىغان ئالتە كىشى بىرلا ۋاقىتتا ئىستانبۇلدا قولغا چۈشكەن.

ئىستانبۇل باش تەپتىش مەھكىمىسى تېررورلۇق ۋە تەشكىللىك جىنايەتچىلەرنى تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئىجرا قىلغان تەكشۈرۈش ھەرىكىتىدە، تۈركىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MİT) تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، مەزكۇر يەتتە كىشىنىڭ خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ھەمدە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار، تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان جەمئىيەتلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر توپلىغانلىقى ئېنىقلانغان.

ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلار ھەققىدە توپلىغان ئۇچۇر ۋە ھۆججەتلەرنى خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرىغا يوللىغانلىقى ئېنىقلانغان يەتتە كىشىگە قارىتا تۈركىيە تەپتىش مەھكىمىسى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغان. بۈگۈن ئەتىگەن بىرلا ۋاقىتتا ئىستانبۇلدا ئىجرا قىلىنغان قولغا ئېلىش ھەرىكىتىدە يەتتە كىشىنىڭ ئالتىسى تۇتۇلغان بولۇپ، قالغان بىر كىشىنى ئىزدەش داۋام قىلماقتىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2443 قېتىم كۆرۈلدى
20/02/2024 12:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق