خىتاي داڭلىق ناجيايېڭ مەسچىتىنى پۈتۈنلەي خىتاي ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتكەن

خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» نامىدا ئىسلام مەدەنىيەت ئۇسلۇبىدا بېزەلگەن يۈننەن ئۆلكىسىدىكى ناجيايىڭ مەسچىتىنى چېقىپ، خىتاينىڭ بۇتخانىسى ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتكەن.

بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 20-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇلتۇر 5-ئايدا يۈننەن ئۆلكىسى يۈشى شەھىرى تۇڭخەي ناھىيەسىگە جايلاشقان داڭلىق ناجيايىڭ مەسچىتىنىڭ ئىسلامىي ئۇسلۇبتا بىنا قىلىنغان قۇرۇلمىسى، مۇنار، قۇببىلىرى مەجبۇرىي چېقىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا نارازىلىق بىلدۈرگەن خەلق بىلەن ساقچىلار توقۇنۇشقان.

ۋېيبو، ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا تارقىتىلغان سۈرەت ۋە سىنلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ناجيايىڭ مەسچىتىنىڭ ھاۋا رەڭلىك گۈمبىزى ۋە مۇنارىنى ئاللىبۇرۇن چېقىۋەتكەن بولۇپ، ئۇنى قويۇق خىتايچە ئۇسلۇبقا ئۆزگەرتكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي رېجىمى دىنىي ئىمارەتلەردە چوقۇم خىتاي ئۇسلۇبىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەكلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن ۋە تەشۋىق قىلغان. بۇ جەرياندا پۈتۈن خىتاي تەۋەلىكىدىكى مەسچىتلەر مەجبۇرىي چېقىلىپ ياكى بۇزۇلۇپ، خىتاي ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتىلگەن. ىرخىتاي ئىسلام مەدەنىيىتىگە قارشى بۇ خىل تېررور سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش داۋامىدا، نارازىلىق بىلدۈرگەن خەلق بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدا نۇرغۇن قېتىم كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر ئارا توقۇنۇشلار كېلىپ چىققان.

خىتاي بۇ قېتىم مەجبۇرىي خىتاي ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتكەن ناجيايىڭ مەسچىتى 600 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە بولۇپ، 2004-يىلى خەلق مەبلىغى بىلەن يېڭىلاپ سېلىنغان. مەسچىت بىناسى تۆت قەۋەت، مەسچىتنىڭ قۇببىسى ۋە تۆت مۇنارى بار بولۇپ، 3000 دىن ئارتۇق ئادەم سىغىدىكەن. خىتاي رېجىمى بۇ تارىخىي مەسچىتنى مەجبۇرىي ھالدا خىتاي بۇتخانىلىرىنىڭ ئۇسلۇبىغا ئوخشىتىپ ئۆزگەرتكەن.

خىتاي رېجىمى 2018-يىلى ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» نامىدا ئىسلام دىنىغا قارشى تېررور سىياسىتىنى يولغا قويغان ۋە بۇ تېررور سىياسىتىنى ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا قاتتىق باستۇرۇش ۋاسىتىلىرى بىلەن ئىجرا قىلىپ، ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستاندا 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنى چېقىۋەتكەن، بۇزۇۋەتكەن ياكى قوتان، چايخانىلارغا ئۆزگەرتىۋەتكەنىدى. چېقىلىشتىن ئامان قالغان مەسچىتلەرنىڭ مۇنار ۋە گۈمبەزلىرىنى بۇزۇپ، ئىسلامىي ئېلېمېنتلارنى پۈتۈنلەي يوقاتقانىدى. نارازىلىق بىلدۈرگەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاتالمىش «تېررورچى»، «ئەسەبىي» دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن تۈرمە ۋە جازا لاگېرلارغا سولاپ قىرغىنچىلىق قىلغانىدى.

خىتاي نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ بارلىق دىنىي پائالىيەتلىرىنى ۋە ئىبادەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلىگەن، ھەتتا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈشكە رۇخسەت قىلمىغان بولۇپ، گەرچە خىتاينىڭ بۇ خىل تېررور سىياسىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئىزچىل داۋام قىلغان بولسىمۇ، بىراق مەزكۇر جىنايى قىلمىشلىرىنى ئىنكار قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى، خۇسۇسەن ئىسلام دۇنياسىنى ئالداپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1469 قېتىم كۆرۈلدى
21/02/2024 16:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق