خىتاي تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن ئاۋسترالىيە دېڭىز ئارمىيە كۆلىمىنى كېڭەيتمەكچى

خىتاينىڭ كۈچلۈك تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن ئاۋسترالىيە ئاساسلىق دېڭىز ئارمىيە پاراخوت ئەترىتىنىڭ كۆلىمىنى يەنە بىر ھەسسە كۆپەيتىشنى پىلانلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە 20-فېۋرال كەلگۈسى ئون يىلدا مۇداپىئە چىقىمىنى 11 مىليارد 100 مىليون ئاۋسترالىيە دوللىرىغا (تەخمىنەن 7 مىليارد 250 مىليون دوللار) كۆپەيتىپ، ئالتە ھەربىي پاراخوت ۋە 11 يېڭى قوغدىغۇچى پاراخوتنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭدىكى يەتمەكچى بولغان ئاساسلىق نىشان ئۇرۇشقا تەييار پاراخوتلىرىنىڭ سانىنى ئەسلىدىكىدىن بىر ھەسسە كۆپەيتىش ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يەرشارىۋى گېئوپولىتىكىلىق جىددىيچىلىكنىڭ كۈچىيىشى ۋە خىتاينىڭ تىنچ ئوكياندىكى بەزى ئارال دۆلەتلىرىدىكى تەسىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىدىن ئەندىشە قىلغان ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىدە ئىزدەنمەكتىكەن.

ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رىچارد مارلېس ھۆكۈمەت پىلانىنىڭ ئاخىرىدا دېڭىز ئارمىيەسى ئۇرۇش پاراخوتى ئەترىتىدىكى پاراخوتىنى 11 دىن 26 گە كۆپەيتىدىغانلىقىنى، بۇ ئاۋسترالىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ پاراخوت ئەترىتى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

رىچارد مارلېس مۇخبىرغا يەنە چوڭ كۈچلەر رىقابەتلىشىۋاتقان بىر خەلقئارالىق ۋەزىيەتتە، ئاۋسترالىيەنىڭ 2030-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا ھازىرقىغا ئوخشىمايدىغان ئىقتىدارنى ھازىرلايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇلتۇر ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسى باھالاش دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن رىقابەت تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئەندىزىسىنى بەلگىلەيدىغان بولۇپ، ئاساسلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت جەريانىدا يوشۇرۇن توقۇنۇش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن ئىكەن.

رىچارد مارلېسنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا يىراق مۇساپىدىن كونترول قىلغىلى بولىدىغان چوڭ تىپتىكى ئادەملىك دېڭىز پاراخوتى، ئادەمسىز ياكى ئادەملىك باشقۇرۇلىدىغان پاراخوتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرىدىكەن. ئاۋسترالىيە نۆۋەتتە ئارمىيەگە بۇ خىل پاراخوتلارنى سەپلەشنى پىلانلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1611 قېتىم كۆرۈلدى
21/02/2024 16:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق