خىتاي تور بىخەتەرلىك شىركىتى قازاقىستان پۇقرالىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلىغان

خىتاي رېجىمىنى تور بىخەتەرلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر خىتاي شىركىتىنىڭ قازاقىستان پۇقرالىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلىغانلىقى ئاشكارىلانغان بولۇپ، قازاقىستان رەقەملىك تەرەققىيات مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى بىرلەشمە تەكشۈرۈشنى باشلىغان.

قازاقىستان خەلقئارا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 21-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رېجىمىنى تور بىخەتەرلىك ساھەسىدە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان خىتاينىڭ بىر تور بىخەتەرلىك شىركىتىنىڭ ئىچكى ئۇچۇرلىرى بۆلۈمنىڭ ماتېرىياللىرى يېقىندا ئاشكارىلانغان. مەزكۇر ماتېرىياللار ئىچىدە قازاقىستاننىڭ ئاساسلىق كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ مەخپىي سانلىق مەلۇماتلىرى، شۇنداقلا قازاقىستان تېلېگراف پاي شىركىتى ۋە بىرلەشمە ياشانغانلار كۈتۈنۈش فوندىنىڭ ھۆججەتلىرى بار ئىكەن.

سانلىق مەلۇمات ئانالىزىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئوغرىلانغان ئۇچۇرلارنىڭ مىقدارى تېرابايت ئۆلچىمىدە بولۇپ، Beeline،Kcell ، Tele2،Telecom  شىركەتلىرى ۋە بىرلەشمە ياشانغانلار كۈتۈنۈش فوندىنىڭ زور مىقداردىكى ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، IDNET ۋە IDTV قاتارلىق رەقەملىك مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى، شۇنداقلا ئابۇنىتلارنىڭ شەخسىي سانلىق مەلۇماتلىرى، تىزىملىتىش ناملىرى ۋە مەخپىي نومۇرىمۇ ئاشكارىلانغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىچىدە بار ئىكەن.

خىتاي تور بىخەتەرلىك شىركىتىنىڭ ئىچكى ئۇچۇرلىرىنىڭ ئېكران كۆرۈنۈشلىرى ئىچىدە، قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە ئاستانا ئاۋىياتسىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارمۇ ئوتتۇرىغا چىققان.

قازاقىستان رەقەملىك تەرەققىيات، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئاۋىياتسىيە سانائىتى مىنىستىرلىقى 20-فېۋرال ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، قازاقىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى بىلەن بىرلىكتە، مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇقتۇرۇشتا رەقەملىك تەرەققىيات مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئالاقىدار ئورگانلارغا قارىتا پىلاندىن سىرت تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قازاقىستان پۇقرالىرىنىڭ شەخسىي سانلىق مەلۇماتلىرىنى قوغداش ۋە باشقا ئۇچۇرلارنى قوغداش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلغان-قىلمىغانلىقىنى ئېنىقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رەقەملىك تەرەققىيات مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇشتا يەنە قازاقىستان پۇقرالىرىغا چەت ئەل تور سۇپىلىرى ۋە باشقا تور يۇمشاق دېتاللىرى قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئىشلەتكەندە، شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا، ئىمكانقەدەر مۇرەككەپ مەخپىي نومۇرلارنى ئىشلىتىشكە، يۇمشاق دېتالنى يېڭىلاشقا دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، نامەلۇم گۇمانلىق ئۇچۇرلار ياكى ئۇلىنىشلارنى ئاچماسلىق، ناتونۇش تور بېكەت ۋە دېتاللارنىڭ شەخسىي ئۇچۇر ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى زىيارەت قىلىشقا يول قويماسلىق، شەخسىي ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشتىن بۇرۇن تور بېكەت ۋە پىروگراممىلارنىڭ ئىناۋىتىنى ھەر ۋاقىت تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇقتۇرۇشتا يەنە شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلانغانلىقى بايقالغان ھامان، سەلبىي ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان شەخسنىڭ رەقەملىك تەرەققىيات مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىك كومىتېتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، مەمۇرىي دەۋا باشلىسا بولىدىغانلىقى، ئۇچۇر بىخەتەرلىك كومىتېتى پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا ياردەم بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1448 قېتىم كۆرۈلدى
22/02/2024 13:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق