دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئانا تىل كۈنىنى ئالاھىدە خاتىرىلىدى

21-فېۋرال دۇنيا ئانا تىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئانا تىل مەكتەپلىرى بۇ كۈننى مەخسۇس خاتىرىلەپ، خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى قايتىدىن تەكىتلەشتى.

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا مائارىپ، نەشرىيات، ئاخبارات قاتارلىق ساھەلەردە ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى چەكلەش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئورنىغا پۈتۈنلەي خىتايچىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر پەيتتە، دۇنيا ئانا تىل كۈنىنى خاتىرىلەشنىڭ باشقا ھەرقانداق مىللەتكە قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىكەنلىكى مۇھاجىرەت جەمئىيىتىدە تەكىتلىنىپ كەلمەكتە. بۇ يىلمۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئانا تىل مەكتەپلىرى ۋە تەشكىلاتلار بۇ كۈننى مەخسۇس پائالىيەتلەر بىلەن كۈتۈۋالدى.

جۈملىدىن 21-فېۋرال چۈشتىن كېيىن ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىغا جايلاشقان كازلىچەشمە قارا دېڭىز سالونىدا دۇنيا ئانا تىل مۇناسىۋىتى بىلەن «ئانا تىلىم - ئۇيغۇر تىلىم» تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىلەن سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتكە تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن مائارىپ جەمئىيىتى ئانا تىل، قۇرئان كۇرسىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاتا-ئانىلار ئىشتىراك قىلدى.

پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقى ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش ئىمكانىيەتلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بىر پەيتتە، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ئۈچۈن ئېچىلغان مەكتەپلەرنىڭ تولىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. پائالىيەتتە يەنە ئوقۇغۇچىلار تەييارلىغان ھەر خىل نومۇرلار كۆرسىتىلىپ، ئانا تىلغا ئاتالغان شېئىر-نەسرلەر دېكلاماتسىيە قىلىندى.

ئۇندىن باشقا خەلقئارا ئانا تىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 17-فېۋرال ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەقفى، ئۇيغۇر ئانا تىلى كومىتېتى، تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزى ۋە سەرخىللار مائارىپى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە، ئىستانبۇل ساباھاتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى» تېمىسىدا مەخسۇس پائالىيەت ئۆتكۈزدى. پائالىيەتتە ئۆسمۈرلەر تەييارلاپ كەلگەن تۈرلۈك نومۇرلار قاتناشقۇچىلارغا سۇنۇلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2617 قېتىم كۆرۈلدى
22/02/2024 16:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق