خىتاينىڭ دېڭىز قىرغىقى ئەترىتى تەيۋەن بوغۇزىدا ئەندىشە پەيدا قىلماقتا

خىتاينىڭ دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرى تەيۋەندە ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ پەقەت خىتاينىڭ پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

CNN نىڭ 21-فېۋرال ئېلان قىلغان ئانالىز خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، تەيۋەننىڭ «جىنشيا» ناملىق ساياھەت پاراخوتى خىتاينىڭ ئىككى دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان بولۇپ، ئالتە پاراخوت خادىمى پاراخوتنىڭ لىنىيەسى، گۇۋاھنامىسى ۋە پاراخوت خادىملىرىنىڭ خىزمەت كىنىشكىسىنى تەكشۈرگەن. خىتاي رېجىمى ئىلگىرى تەيۋەنلىك ساياھەتچىلەرنى تەكشۈرمەيدىغان بولسىمۇ، نۆۋەتتە دېڭىز قىرغىقى پاراخوتلىرى بۇ رايوندا چارلاشنى كۈچەيتكەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە خىتاينىڭ ئىككى بېلىقچى كېمىسى تەيۋەننىڭ دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچىلىرى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان بولۇپ، مەزكۇر كېمىلەر تەكشۈرۈشتىن قېچىشقا ئۇرۇنۇش جەريانىدا ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك، كېمىدىكى ئىككى خىتاي تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن.

خىتاي كوممۇنىست رېجىمى تەيۋەندە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دېموكراتىك ئىلگىرىلەش پارتىيەسىنىڭ ۋەقەگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئەيىبلىگەن. تەيۋەن تەرەپ بولسا خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنى دېڭىزدىكى ھەرىكىتىنى كېڭەيتكەنلىكى بىلەن ئەيىبلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1710 قېتىم كۆرۈلدى
22/02/2024 17:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق