تەشكىلاتلار بىرلىكى تۈركىيەنىڭ خىتاي جاسۇسلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

20-فېۋرال ئىستانبۇل باش تەپتىش مەھكىمىسى تېررورلۇق ۋە تەشكىللىك جىنايەتچىلەرنى تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئىجرا قىلغان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە تۈركىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار، شەرقىي تۈركىستان جەمئىيەتلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر توپلاپ، خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرىغا يوللىغان ئالتە كىشى بىرلا ۋاقىتتا ئىستانبۇلدا قولغا ئېلىنغانىدى.

تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان مەزكۇر خىتاي جاسۇسلىرى جەمئىي يەتتە كىشى بولۇپ، قولغا ئېلىش ھەرىكىتىدە يەتتە كىشىنىڭ ئالتىسى تۇتۇلۇپ، قالغان بىر كىشىنى ئىزدەش داۋام قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا مۇنۇلار تىلغا ئېلىندى:

مەلۇم بولغىنىدەك، 2024 –يىلى 20-فېۋرال تۈركىيەنىڭ داڭلىق ئاخبارات ئورگانلىرى تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ خىتاي ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە مۇھىم شەخسلەر ھەققىدە جاسۇسلۇق پائالىيىتى يۈرگۈزگەن يەتتە كىشىنى بېكىتىپ چىققانلىقىنى، بۇلاردىن ئالتە كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقى ۋە بىر كىشىنىڭ ئىزدەش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. تۇتۇلغۇچىلارنىڭ كىملىكى، ئىسمى ۋە قايسى جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكى تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، تۈركىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاينىڭ تۈركىيەدە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋە يېقىنقى بىر يىلدا كۆپەيگەن جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە قارشى كۈچلۈك ۋە ئېنىق بىر زەربە بېرىش ھېسابلىنىدۇ.

تۇتۇلغۇچىلار ھەققىدىكى كونكرېت ھۆكۈم ساقچى ۋە قانۇن ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە سوراق قىلىشىغا باغلىق بولسىمۇ، بىرلىكىمىز تۈركىيە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا زىيان سېلىۋاتقان بۇ خىل جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشىنى ۋە بۇنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېلان قىلىشىنى تەقدىرلەشكە لايىق دۆلەت پوزىتسىيەسى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىمىز. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇ نۇقتىدا بىز بىلەن ئورتاق پىكىردە ئىكەنلىكىگىمۇ ئىشىنىمىز.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ كۆپ ساندىكى شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرى ياشاۋاتقان تۈركىيەدە خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ يوليورۇقى ئاساسىدا جاسۇسلۇق قىلىۋاتقان، جەمئىيىتىمىزدە ئۆزئارا توقۇنۇش ۋە زىددىيەتلىشىشكە يول ئېچىۋاتقان، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش، خاتا چۈشەندۈرۈش ۋە خەلقىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى ۋە بىرلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى يەتتە بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقى ئېنىق. تۈركىيە ئىستىخبارات ئورگانلىرى ۋە ساقچى ئىدارىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى، جاسۇسلارنى تازلىشىنى ۋە جازالىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

شۇنداقلا بۇ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە باشلامچىلىق قىلىۋاتقان، يول كۆرسىتىۋاتقان ۋە باشقۇرۇۋاتقان تۈركىيەدىكى خىتاي ساقچىلىرى ۋە ئىستىخبارات مەسئۇللىرى، جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان خىتاي دىپلوماتلىرى، مۇناسىۋىتى بولغان خىتاي شىركەتلىرى، تىجارەتچىلىرى، مېدىيا ئورگانلىرى ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭمۇ تەكشۈرۈلۈپ بېرىلىپ، لايىقىدا بىتەرەپ قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

تۈركىيەدە خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىپ، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرەت جەمئىيىتىنى ۋە تەشكىلاتلىرىنى قارىلاش ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن مەقسەتلىك ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئاتالمىش سىياسىي پارتىيە ۋە خەۋەر ئورگانلىرىنىڭمۇ تەكشۈرۈلۈشىنى سورايمىز.

ئاخىرىدا بۇ قېتىملىق ۋەقەدىن تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان سىياسىي پائالىيەتلىرىنىڭ ۋە سىياسىي شەخسلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ھەرىكەتلىرىنىڭ بىخەتەر داۋاملىشىشى ۋە شۇنداقلا تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىسىنىڭ خاتىرجەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىملىق ئاشكارا تۇتۇش ھەرىكىتى ئارقىلىق تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. بۇ ھەرىكەت خىتايغا قارشى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى، تەشكىلاتلىرى ۋە شەخسىيەتلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش، شىكايەت قىلىش ۋە تەھدىت سېلىش قىلمىشلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش ھېسابلىنىدۇ.

 

بىرلىكىمىز نامىدىن خەلقىمىزنىڭ بۇ نۇقتىدىكى پوزىتسىيەسى ۋە تەلەپلىرىنى تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنى خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ بىتچىت قىلىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قەدەملەرنى بېسىشىغا چاقىرىق قىلىمىز.»

بۇ خەۋەر 3339 قېتىم كۆرۈلدى
22/02/2024 18:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق