مېڭىسىگە تۇنجى قېتىم ئۆزەك ئورنىتىلغان كىشى مېڭە ئارقىلىق مائۇسنى كونترول قىلدى

ئامېرىكىلىق داڭلىق كارخانىچى ئېلون ماسكنىڭ شىركىتى Neuralink تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم مېڭىسىگە ئۆزەك ئورنىتىلغان كىشى مېڭىسى ئارقىلىق كومپيۇتېر مائۇسىنى بىۋاسىتە كونترول قىلالىغان.

ئامېرىكا CNN قانىلىنىڭ 20-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئېلون ماسك: «ئىلگىرىلەش ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى، بىمارنىڭ سالامەتلىكى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلدى، بىز ھېس قىلالايدىغان ھېچقانداق ناچار تەسىر بولمىدى. ئۇ مائۇسنى كونترول قىلالايدۇ، پەقەت ئوي-خىيالى ئارقىلىقلا ئېكراندا مائۇسنى يۆتكىيەلەيدۇ» دېگەن. بۇ كومپيۇتېر مائۇسنى يۇقىرى-تۆۋەن يۆتكەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

Neuralink شىركىتى نۆۋەتتە مېڭىگە ئۆزەك ئورنىتىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئېغىر پالەچ بىمارلارنىڭ پەقەت نېرۋا سىگنالى ئارقىلىق تاشقى ئۈسكۈنىلەرنى كونترول قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. بۇ شىركەت 2023-يىلى 5-ئايدا ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، ئىنسانلار ئۈستىدە كىلىنىكىلىق تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئارقىدىن سىناققا قاتناشقۇچىلارنى قوبۇل قىلغان. بۇ يىل 29-يانۋار ئېلون ماسك ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا Neuralink  شىركىتىنىڭ ئىنسانلارنىڭ مېڭىسىگە ئۆزەك ئورنىتىش ئوپېراتسىيەسىنى تاماملىغانلىقىنى ۋە بىمارنىڭ ئەھۋالىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1669 قېتىم كۆرۈلدى
23/02/2024 12:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق