ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە قاراتقان جازا تەدبىرىدە تۇنجى قېتىم خىتاي شىركەتلىرىنى نىشانلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزى سەۋەبلىك ئېلان قىلغان يېڭى بىر قېتىملىق جازالاش تەدبىرىدە تۇنجى قېتىم خىتاي شىركەتلىرىنى نىشانلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر 21-فېۋرال ئۇكرائىنا ھەققىدە رۇسىيەگە قاراتقان 13-قېتىملىق جازا پىلانىنى تەستىقلىغان بولۇپ، رۇسىيەگە قورال-ياراغ سېتىش ياكى ئۇكرائىنالىق بالىلارنى تۇتقۇن قىلىشقا چېتىشلىق بولۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن 200 گە يېقىن ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە كىرىشى چەكلەنگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قېتىملىق جازالاش قارارى ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان بولۇپ، بۇ قېتىم رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوللىغان، دەپ ئەيىبلەنگەن خىتاي ۋە ھىندىستان شىركەتلىرى تۇنجى قېتىم نىشانلانغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، يېڭى جازا تەدبىرىگە ئاساسەن، خىتاينىڭ ئۈچ شىركىتى ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ سودا قىلىشى چەكلەنگەن شىركەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. مەزكۇر شىركەتلەر رۇسىيەنى سەزگۈر ھەربىي تېخنىكا بىلەن تەمىنلىگەن دەپ ئەيىبلەنگەن بولۇپ، بۇ تېخنىكىلار ئۇكرائىنادىكى جەڭ مەيدانىدا ئىشلىتىلگەن. ئۇندىن باشقا رۇسىيەنىڭ چەكلەنگەن زاپچاس ۋە تېخنىكىغا ئېرىشىشىگە ياردەم بەرگەنلىكى بىلەن ئەيىبلەنگەن ھىندىستان قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ شىركەتلىرىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيە خام نېفىت ئىمپورت قىلىدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەتكە ئايلانغان ھىندىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى بەزى دۆلەتلەر ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلغان. شۇنداقتىمۇ رۇسىيەنىڭ قولىدا يەنىلا غەرب شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان 1400 خىلدىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بار بولۇپ، بۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدىكەن.

ھازىرغا قەدەر رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقى جازالاشنى تەستىقلىغان شەخس ۋە شىركەتلەرنىڭ ئومۇمىي سانى تەخمىنەن 2000 گە يەتكەن. بۇ قېتىم جازالاش تەستىقلانغان خىتاي شىركەتلىرى گۇاڭجۇ ئوۋسەي تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، شېنجېن بىگۇاڭ سودا چەكلىك شىركىتى ۋە شېنجېن يىلۇفا تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1775 قېتىم كۆرۈلدى
23/02/2024 14:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق