دوكلات: شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئېغىرلاشماقتا

ئالىي تەتقىقاتچى دوكتور ئادرىيان زېنز 13-فېۋرال يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدە كۆپلىگەن نوپۇزلۇق دوكلاتلارنى ئېلان قىلغان دوكتور ئادرىيان زېنز 13-فېۋرال «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك: 2023-يىلى ۋە 2024-يىلىنىڭ بېشىدا مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى باھالاش» ناملىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغان.

دوكلاتتا خىتاينىڭ جىنايەتلىرى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئىسپاتلانغان بولۇپ، خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»، « نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» دېگەندەك ناملار بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەكنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنقى يىلىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپەيگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ھەمدە خىتاينىڭ بۇ پىلانىنى ئاز دېگەندە 2025-يىلىغىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي رېجىمى 2023-يىلى ئاتالمىش «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»، «ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» ناملىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلغان. ھەر خىل ناملار بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەك كۆلىمىنى كۆرۈنەرلىك كېڭەيتىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سۈرگۈن قىلىش سالمىقىنى %38 ئاشۇرۇشنى نىشانلىغان. نەتىجىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باشقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىش جىنايىتى 2010-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە يەتكەن.

دوكلاتتا خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2023-يىلى 8-ئايدا شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغانلىقى، بۇ جەرياندا شى جىنپىڭ خىتاينىڭ شەرقىدىكى ئۆلكىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى باغلاپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان پىلانىنىڭ ئۆلكە ھالقىغان ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى، بۇنىڭدىن يەتمەكچى بولغان مەقسەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايدا خىزمەت تېپىشقا يېتەكلەش ۋاسىتىسى بىلەن مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە بىر تەرەپتىن جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماشنى زور دەرىجىدە كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي رېجىمى تەشكىللىگەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»، «ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي شىركەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزا-كەنتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن خەلقنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتا. ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك دائىرىسىنى كېڭەيتىش جەھەتتە، خىتاي ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئالاھىدە رول ئويناپ كەلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ ئورگانلار خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي شىركەتلىرىگە ئەرزان باھادا ساتماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەپ كېلىپ، يۇقىرى مائاش، ھەقسىز ئۆي، ھەقسىز يەر قاتارلىق تەمىناتلار ئارقىلىق قىزىقتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشقا ئالاھىدە كۈچىمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3074 قېتىم كۆرۈلدى
23/02/2024 14:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق