خىتاي نامايىش قىلغان يۈزدىن ئارتۇق تىبەتنى تۇتقۇن قىلغان

خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى تىبەتلەر خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان بولۇپ، ۋەقەدە 100 دىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىنغان.

خىتايغا نەزەر تورىنىڭ 22-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، سىچۈەن ئۆلكىسى گەنزى تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ دېگې ناھىيەسى ۋاڭبۇتېڭ بازىرىدىكى تىبەت خەلقى يېقىندا كۆپ قېتىم كوچىلارغا چىقىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ جىنشا دەرياسىدا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش پىلانىغا نارازىلىق نامايىشى قىلغان، ئەمما يەرلىك دائىرىلەر نامايىشچىلارنى كەڭ كۆلەمدە قولغا ئالغان.

تىبەت پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يەرلىك تىبەتلەر خىتاينىڭ يەرلىكتە سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن بولۇپ، نارازىلىق نامايىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا قۇرۇلۇش پىلان قىلىنغان ئورۇندا تارىخى 13-ئەسىرگە تۇتىشىدىغان، قەدىمكى تام رەسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە بۇتخانا بار ئىكەن. راھىبلار بۇتخانىنى قوغداش ئۈچۈن نامايىش قىلغان. ئۇندىن باشقا خىتاي رېجىمى قۇرۇلۇش ئۈچۈن 2000 ئادەم ئولتۇراقلاشقان ئىككى يېزىدىكى ئاھالىلەرنى باشقا جايغا كۆچۈشكە مەجبۇرلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەڭ ئاساسلىق نارازىلىق نامايىشى 14-فېۋرال يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇ يەردىكى 300 دىن ئارتۇق تىبەت دېگې ناھىيەلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ سىرتىغا يىغىلىپ، توسما قۇرۇلۇشىغا قارشى نامايىش قىلغان.

خىتاي ئادەتتە ئاممىۋى يىغىلىشلارنى قاتتىق كونترول قىلىدىغان بولغاچقا، بۇ خىلدىكى نارازىلىق نامايىشى رايوندا ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىكەن. مۇخبىرلار نامايىش سەۋەبلىك 100 دىن ئارتۇق راھىب ۋە نامايىشقا قاتناشقان باشقا كىشىلەرنىڭ يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئىگىلىگەن.

يەرلىك خەلقنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى نامايىشچىلارغا بېسىملىق سۇ، مۇچ سۈيى، توك مىلتىقى ۋە باشقا باستۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەر يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان. ۋەقەدىن كېيىن خىتاي رېجىمى ۋاڭبۇتىڭ بازىرىدىكى بارلىق ئاساسلىق يوللارنى تاقاپ، يېزا ۋە بۇتخانىلارغا بېرىش ۋە تور ئالاقىسى قاتارلىقلارغا قاتتىق چەكلىمە قويغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1871 قېتىم كۆرۈلدى
24/02/2024 19:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق