ھىندىستان ئەمەلىي كونترول لىنىيەسىگە يېڭى دىۋىزىيە ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي قوماندان دەرىجىلىك چېگرا سۆھبىتىدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغان بولۇپ، ھىندىستان ئەمەلىي كونترول لىنىيەسى بويىغا يېڭى ھەربىي دىۋىزىيە ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ھەپتە ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ يېڭى ھەربىي سۆھبەت يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ بولغان بولۇپ، ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغان. ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، 21-قېتىملىق ھىندىستان-خىتاي  ئارمىيەسى قوماندان دەرىجىلىك سۆھبەتنىڭ 19-فېۋرال چۇشۇل-موردو چېگرا يىغىن نۇقتىسىدا داۋام قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھىندىستان بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سۆھبەتتە خىتاي تەرەپ قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرگەن بولۇپ، ھىندىستاننىڭ شەرقىي لاداخنىڭ ئەمەلىي كونترول لىنىيەسىدىكى دېپساڭ تۈزلەڭلىكى ۋە دېنمۇجو چېگرا ئېغىزىدىن ھالقىغان نۇقتىلاردىن ئىككى تەرەپ تەڭ قوشۇن چېكىندۈرۈش پىلانىغا ئىزچىل قارشى تۇرغان.

ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى شىمالىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ سابىق باش قوماندانى سىنگى ھۇدا ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىغا: «قىسمەن قوشۇن چېكىندۈرۈش ئىشلىرى ئاللىقاچان ئىشقا ئاشتى، ئەمما يېڭى ئەندىزە بارلىققا كېلىشى كېرەك بولۇپ، ئۆزئارا ئەقەللىي ئىشەنچنى تەلەپ قىلىدۇ. ھازىر كەم بولۇۋاتقىنى دەل بۇ» دېگەن.

گەرچە سۆھبەتتە بۆسۈش بولمىغان بولمىسىمۇ، ئەمما سىنگى ھۇدا بۇ دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، دەپ قارىغان بولۇپ، ئۇ يەنە: «خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىغا ھىندىستان ھەربىي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق قارشى تۇرۇشى كېرەك. سۆھبەت ۋە دىيالوگ ئىنتايىن مۇھىم. ھەر ئىككى تەرەپ لاساك لىنىيەسىدىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىشىنى خالىمايدۇ» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، نۇرغۇن بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى بەزى سۈركىلىش نۇقتىلىرى مەسىلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، نۆۋەتتىكى تىركىشىشنىڭ خىتاي تەرەپكە تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، چۈنكى خىتاي نۆۋەتتە ھىندىستان تۇپرىقىدا پايدىلىق ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن.

يېقىندىن بېرى خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ زېمىن تالاش-تارتىشىشى كۈچەيگەن بولۇپ، ئارمىيە بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمىغان. خىتاي ئەمەلىي كونترول لىنىيەسى بويىدىكى بازىسىنى زور خىراجەت بىلەن يېڭىلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇچۇش يولىنى ئۇزارتقان ۋە شەرقىي تۈركىستاندىن گالۋان ۋادىسىغا يېقىن جايدا (2020-يىلىدىكى توقۇنۇش يۈز بەرگەن جاي) ۋە تىبەتنىڭ رىتۇ ناھىيەسىدىكى پانگۇڭ تىسوغا يېقىن جايدا يېڭى تىك ئۇچار ئايروپىلان ئايرودۇرۇمى ياسىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1780 قېتىم كۆرۈلدى
24/02/2024 19:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق