خىتاي شىركىتى ئەنگلىيە ھۆكۈمەت تورىغا سۇقۇنۇپ كىرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان

يېقىندا خىتاينىڭ ئەنشۈن تور بىخەتەرلىك شىركىتىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتكەن ھۆججەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، مەزكۇر شىركەت ھۆججەتلىرىدە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ تورىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى BBC نىڭ 23-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئەنشۈن شىركىتىنىڭ ئاشكارىلانغان ھۆججەتلىرىدە ئەنگلىيەدىكى بىر قانچە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئەقىل ئامبىرى، كارخانا ۋە خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارمۇ بايقالغان. ئۇندىن باشقا ھۆججەتلەردە ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى ئاممىۋى ئورگانلار ۋە كارخانىلارغا خاككېرلار تەرىپىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ھۇجۇم قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن، ئەمما زىيان بار-يوقلۇقى تىلغا ئېلىنمىغان. ئەنشۈن شىركىتىنىڭ ھۆججەتلىرىنى ئاشكارىلىغان كىشىنىڭ سالاھىيىتى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى شۇنداقلا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇچۇر ئاشكارىلىنىش ۋەقەسىنى بىلمەيدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ىتيخ ھەر خىل تور ھۇجۇمىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان. ئەمما بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى بىلەن ئەنشۈن ئۇچۇر شىركىتى بۇ قېتىملىق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىش ۋەقەسىنى تەكشۈرمەكتىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنشۈن ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك شىركىتى خىتاينىڭ ھەربىي، ساقچى ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنى تور بىخەتەرلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان شەخسىي شىركەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ شىركەتنىڭ باش ئىشتابى شاڭخەيدە بولۇپ، خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 25 گە يەتمەيدىكەن.

ئۈچ بىخەتەرلىك تەتقىقاتچىسى BBC غا مەزكۇر ئۇچۇر ئاشكارىلىنىش ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ھۆججەتلەردە كۆرسىتىشىچە، ئەنشۈن شىركىتىنىڭ سەككىز يىل جەريانىدا ئەنگلىيە، فىرانسىيە، تەيۋەن، پاكىستان، سىنگاپور قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋە سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلغان ھەرىكەتلىرى ئاشكارىلانغان.

بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر دېلودا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بىر ھۆكۈمەت ئورگىنى مەزكۇر شىركەتكە ۋىيېتنام قاتناش ساقچىلىرىنىڭ تور بېكىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇچۇر ئوغرىلاتقۇزۇش ئۈچۈن 15 مىڭ دوللار ئەتراپىدا ھەق تۆلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1905 قېتىم كۆرۈلدى
24/02/2024 20:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق