تۈركىيە ئالىي سوتى خىتاي جاسۇسلىرىغا جازا ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى 3-جىنايى ئىشلار ئىدارىسى تۈركىيەدە ھەربىي ۋە سىياسىي جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللانغان ۋە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى توپلاپ، خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرىغا يەتكۈزگەن جاسۇسلارغا قاماق جازاسى ئېلان قىلدى.

ساباھ خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، تۈركىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ 3-جىنايى ئىشلار ئىدارىسى تۈركىيەدە ھەربىي ۋە سىياسىي جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللانغان، خىتاي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ چىقىپ، تۈركىيەدە پاناھلانغان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى توپلىغان ۋە بۇ ئۇچۇرلارنى خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرىغا يەتكۈزگەن جاسۇسلارنىڭ جازاسىنى تەستىقلىغان.

ئىستانبۇل 24-ئېغىر جىنايى ئىشلار سوتى جاۋابكار رۈي پەن، ئابلىز دىليار ۋە چياڭ چېننىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتىگە 12 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسى بەرگەن. جاۋابكار بەن رۇڭۋېي، بەن يىجې ۋە يۈسۈپ تۇنا قاتارلىق ئۈچ كىشىگە سىياسىي ياكى ھەربىي جاسۇسلۇق قىلمىشلىرىغا ياردەم بېرىش جىنايىتى بىلەن، 6 يىل 3 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىپ، ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىنى قارار قىلغان.

سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىدا جاۋابكارلار تۈركىيەدە ياشاۋاتقان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقى، بۇ كىشىلەر ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىچكى ياكى تاشقى مەنپەئەتىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلىكى، قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلىرىنى مەخپىي خادىملار ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەنلىكى، بۇ ئۇچۇرلارنى توپلاپ خىتايغا يەتكۈزۈپ بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشكەنلىكى بايان قىلىنغان. قاراردا يەنە جاۋابكارلارنىڭ تۈركىيەدە پاناھلانغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەخپىي ئۇچۇرلىرىنى چەت ئەلنىڭ ئىستىخبارات ئورگىنىغا يوللىغانلىقى، جاسۇسلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ سىياسىي ياكى ھەربىي جاسۇسلۇق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

ئىستانبۇل رايونلۇق ئەدلىيە سوتى 2-جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى جاۋابكارلارنىڭ بىرىنچى سوت مەھكىمىسى چىقارغان ھۆكۈمگە قارىتا سۇنغان ئەرز ئىلتىماسىنى رەت قىلىشنى قارار قىلغان.

جاۋابكارلارنىڭ نارازىلىق ئەرزى ئالىي سوت مەھكىمىسى 3-جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە يېتىپ كەلگەن. سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، خىتاي ئىستىخباراتى ئىزدەۋاتقان، شۇنداقلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىپ، خىتايغا ئېلىپ كېتىشكە ئۇرۇنغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا قانۇنسىز ھالدا تۈركىيەگە كەلگەن جاۋابكار رۈي پەننىڭ بىر مېھمانخانا ئېچىپ، خىتاي پۇقرالىرىنى ياتاق بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىنى خىتاي ئىستىخبارات ئەمەلدارىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن قىلغانلىقى، خىتاي ئىستىخبارات ئورگىنى بىلەن تۈركىيەدە تەشكىللەنگەن ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدا پۇل يۆتكىگەنلىكى، جاۋابكارلارنىڭ خىتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئۇچۇرغا ئېرىشكەنلىكى ۋە ئېرىشكەن ئۇچۇرلارنى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى خىتاي ئىستىخبارات ئەمەلدارىغا ئەۋەتكەنلىكى، ئولتۇراق ئادرېسلىرىنى پايلاپ يۈرۈش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى خىتاي ئىستىخبارات ئورگىنىغا يەتكۈزۈلگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان.

ئىستانبۇل رايونلۇق ئەدلىيە سوتى 2-جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئەرزنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، جاۋابكارلارنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى بىردەك رەت قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2512 قېتىم كۆرۈلدى
29/02/2024 18:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق