خىتايدا باشلانغان ئىككى يىغىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەن بىر پەيتتە ئېچىلغان خىتاينىڭ ئىككى يىغىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بولۇپمۇ خىتاي باش مىنىستىرى ئىككى يىغىن ئاخىرلاشقاندا ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ دىققىتىنى تارتتى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 4-مارتتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە يانتاياق بولۇپ كەلگەن قورچاق ئەمەلدارلار 3-مارت شەرقىي تۈركىستاندىن خىتاي پايتەختى بېيجىڭغا يېتىپ بارغان. بىلدۈرۈلۈشىچە، قورچاق ئەمەلدارلار خىتايدا باشلانغان 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى ۋە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى 4-مارت چۈشتىن كېيىن خىتاي خەلق سارىيىدا باشلانغان بولۇپ، 10-مارت چۈشتىن بۇرۇن يېپىلىدىكەن.

4-مارت خىتاي سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىن ئاخبارات باياناتچىسى ليۇ جېيى خىتاي ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرى مۇخبىرلىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن.

باياناتچى يىغىندا خىتاي باش مىنىستىرىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارى تەبىئىيلا خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. بىلدۈرۈلۈشىچە، 1993-يىلىدىن باشلاپ خىتاي باش مىنىستىرلىرى ئىككى يىغىننىڭ يېپىلىشى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ كەلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ يېقىندىن بېرى ئۇچۇر-ئالاقىگە بولغان كونترول ئاشۇرغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتتىكى نارازىلىقنىڭ بارغانچە كۈچەيگەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ قېتىم باش مىنىستىرىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى بىكار قىلىشى خىتاي سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر دەرىجىدە مۇستەبىتلىككە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1413 قېتىم كۆرۈلدى
05/03/2024 18:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق