ۋولكېر تۈرك خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىكى دەپسەندىچىلىك سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك 4-مارت جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتە تۈپ ئىنسانىي ھوقۇقلارغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى ئېيتتى ۋە خىتاينى يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى.

ياپونىيە ۋاقىت گېزىتىنىڭ 5-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋولكېر تۈرك جەنۋەدە قىلغان سۆزىدە خىتاينى ئۆز ئىشخانىسى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈپ ئىنسانىي ھوقۇقلارغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان قانۇن، سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى يولغا قويۇشقا چاقىرغان.

خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە كۈچلۈك سۆز قىلمىدى، دەپ تەنقىد قىلىنىپ كېلىۋاتقان ۋولكېر تۈرك يەنە خىتايدىن «تالاش-تارتىش قىلىش ۋە ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرۇش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە ئادۋوكاتلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ۋولكېر تۈرك ئىلگىرى سابىق ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچىلېتنىڭ 2022-يىلى 31-ئاۋغۇست ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئېلان قىلغان شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار دوكلاتىنىڭ يەنىلا كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. باچېلېتنىڭ دوكلاتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىلمىشلىرىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈش مۇمكىنلىكى» ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، قىيىن-قىستاق، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە جىنسىي زوراۋانلىق، شۇنداقلا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئىشەنچلىك ئىسپاتى تەپسىلىي بارلىقى بايان قىلىنغانىدى.

ۋولكېر تۈرك سۆزىدە يەنە ئۇنىڭ ئىشخانىسى خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتى، جىنسىي باراۋەرلىك، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوغداش، پۇقرالارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ دىيالوگنىڭ كونكرېت نەتىجىگە ئېرىشىشى ناھايىتى مۇھىم» دېگەن.

ئۇ خىتاينىڭ تەرەققىيات ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئىلگىرىلەشلىرىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ ئالاقىدار قانۇن ۋە سىياسەتلەرنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمى بىلەن ماسلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋولكېر تۈركنىڭ سۆزىگە قارىتا، خىتاينىڭ باش ئەلچىسى چېن شۈ بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ: «بىز بارلىق دۆلەتلەر بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە دىيالوگ ئۆتكۈزۈشنى خالايمىز، ئەمما دۆلىتىمىزگە، ھەر قانداق بىر دۆلەتكە قارىتىلغان ئاساسسىز ئەيىبلەشكە قارشى تۇرىمىز» دەپ جار سالغان.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1561 قېتىم كۆرۈلدى
05/03/2024 18:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق