خىتاينىڭ «تەيۋەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش» ئىبارىسىنى تىلغا ئالمىغانلىقى دىققەت قوزغىدى

خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ ئىككى يىغىندا بەرگەن ھۆكۈمەت دوكلاتىدا ئىلگىرى ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقان «تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش» دېگەن ئىبارىنى تىلغا ئالمىغانلىقى دىققەت قوزغىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەن بولۇپ، دوكلاتتىكى تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ئارىسىدا ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش «تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش» دېگەن سۆزنى تىلغا ئالمىغان.

لى چياڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى تۇنجى خىزمەت دوكلاتىدا تەيۋەن ھەققىدە توختىلىپ: «بىز چوقۇم بىر خىتاي پىرىنسىپى ۋە 1992-يىلىدىكى ئورتاق باياناتتا چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەن مۇستەقىلچى بۆلگۈنچى كۈچلىرى ۋە تاشقى ئارىلىشىشقا قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك... خىتاي ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشلىرىدا تەۋرەنمەستىن قەتئىي چىڭ تۇرىدۇ» دەپ جار سالغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىمقى دوكلاتنىڭ مەزمۇنى بۇلتۇرقى ھۆكۈمەت خىزمەت دوكلاتىنىڭ مەزمۇنىغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، خىتاي بۇ يىل 2022-يىلى تىلغا ئېلىنغان تاشقى ئارىلىشىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇزاكىرە قىلىش مەسىلىسى ھەققىدىكى بايانلىرىنى ساقلاپ قالغان. ئەمما ئۆتكەن يىلى ئىشلىتىلگەن «تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇساپىسى» دېگەن جۈملىنى «ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش»كە ئۆزگەرتكەن. بۇنىڭدىن باشقا، دوكلاتتا ئىلگىرى دائىم تەكىتلەپ كەلگەن «تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قان-قېرىنداشلىق ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش» قاتارلىق يۇمشاق ئىبارىلەر تىلغا ئېلىنمىغان.

بۇنىڭ بىلەن بىرگە، تەيۋەن ئارمىيەسى بۇ يىل دېڭىز ۋە ھاۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغان، راست ئوق ئىشلىتىلگەن مانېۋىرنىڭ قېتىم سانىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چيۇ گوجېڭ 5-مارت بۇ مانېۋىرنىڭ دۈشمەن ۋەزىيەت ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئالدىن تەييارلىق قىلىش ۋە جەڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1722 قېتىم كۆرۈلدى
05/03/2024 18:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق