خىتاي مۇداپىئە چىقىمىنى %7.2 ئاشۇردى

خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ خىتاينىڭ مۇداپىئە چىقىمىنى %7.2 ئاشۇرۇش ئارقىلىق، ھەربىي كۈرەشكە تەييارلىق قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي مۇداپىئەسى ئورگان تورىنىڭ 5-مارتتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي رېجىمى مۇداپىئە چىقىمىنى ئۇدا ئۈچ يىل ئۆستۈرگەن بولۇپ، بۇ يىلقى خامچوت %7.2 لىك ئېشىش بىلەن خىتاينىڭ مۇداپىئە ئومۇمىي سوممىسى 1 تىرىليون 670 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ بۇ يىل ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھەربىي كۈرەشكە تەييارلىق قىلىپ، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

گەرچە خىتاي باش مىنىستىرى تۇنجى خىزمەت دوكلاتىدا كۆپچىلىكنىڭ جاپالىق تۇرمۇشقا كۆنۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما مۇداپىئە چىقىمى خامچوتى يەنىلا %7.2 ئاشقان. گەرچە بۇ ئۆسۈش بۇلتۇرقى بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا خىتاي ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولغان. مالىيە مىنىستىرلىقى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنغان دوكلاتتا، خىتاي مۇداپىئەسى، تاشقى ئىشلار، سىياسىي ۋە قانۇن خىزمىتىنى قوللاپ، خىتاي مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن.

لى چياڭ خىزمەت دوكلاتىدا يەنە، يېڭى يىلدا چوقۇم ھەربىي مەشىق ۋە تەييارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىدىغانلىقىنى، ھەربىي كۈرەشكە بولغان تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەربىي مەشىقتە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ جار سالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1486 قېتىم كۆرۈلدى
06/03/2024 16:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق