فىلىپپىن بىلەن خىتاينىڭ پاراخوتلىرى سوقۇشۇپ كەتتى

فىلىپپىن بىلەن خىتاينىڭ دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتلىرى بىر-بىرىگە سوقۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، ئامېرىكا باش ئەلچىسى خىتاينىڭ خەتەرلىك ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 5-مارت ئەتىگەن فىلىپپىن بىلەن خىتاينىڭ دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتلىرى تالاش-تارتىشتىكى دېڭىزدا بىر-بىرىگە سوقۇلغان بولۇپ، فىلىپپىننىڭ تۆت پاراخوت خادىمى يېنىك يارىلانغان. ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شۇ كۈندىكى باياناتىدا: «ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىككىنچى توماس تېيىز دېڭىز ساھىلىدىكى خىتاينىڭ خەتەرلىك ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ» دېگەن.

ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مارىكاي كارلسون ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىسى X ھېسابىدا يوللىغان ئۇچۇردا: «بىز خىتاينىڭ ئايۇڭگىن / ئىككىنچى توماس ساھىلىدىكى خەتەرلىك ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. خىتاي ئىقتىسادىي رايوندا خەتەرلىك ھەرىكەت قىلىپ، فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوت خادىملىرىنىڭ يارىلىنىشىنى، پاراخوتنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئامېرىكا فىلىپپىن بىلەن بىرلىشىپ، خەلقئارا قانۇننىڭ قوغدىغۇچىلىرى بىلەن بىرگە، ئەركىن ۋە ئوچۇق بولغان ھىندى-تىنچ ئوكياننى قوللايدۇ» دېگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مەسيۇ مىلېر بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئەڭ يېڭى ۋەقەنىڭ خىتاينىڭ فىلىپپىنلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە پەرۋا قىلمىغانلىقى ۋە خەلقئارا قانۇنغا سەل قارىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى، خىتاينىڭ فىلىپپىننىڭ قانۇنلۇق دېڭىز ھەرىكىتىگە ئارىلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1548 قېتىم كۆرۈلدى
06/03/2024 16:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق