ياۋروپا ئىتتىپاقى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى مۇھىم قەدەم باستى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلەش قانۇنى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى 5-مارت مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش مەسىلىسىدە مۇھىم قەدەم باسقان بولۇپ، سۆھبەت ئارقىلىق بۇ ھەقتە كېلىشىم ھاسىل قىلغان. قوللىغۇچىلار بۇ قانۇننىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە چېتىشلىق خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەشكە ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانۇن لايىھەسىدە خىتاي ئالاھىدە تىلغا ئېلىنمىغان بولۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلار، جۈملىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار نىشان قىلىنغان.

يېڭى قانۇنغا ئاساسەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى شىركەتلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىرتىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ بارلىقى ھەققىدە گۇمانلانغان ۋاقىتتا، تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەت ياۋروپا ئىتتىپاقى دائىرىسىدە داۋام قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنى تەكشۈرۈشنى باشلىشى كېرەك ئىكەن. ئەگەر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئىسپاتلانسا، چېگرادا مال تۇتۇپ قېلىنىپ، ئالاقىدار مەھسۇلاتلار ياۋروپا بازىرىدىن چىقىرىۋېتىلىدىكەن. بۇ قانۇنغا ئاساسەن مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغان شىركەتلەرگە جەرىمانە قويۇلىدىكەن.

گەرچە بۇ قانۇن ئەڭ تۆۋەن ياكى ئەڭ يۇقىرى جەرىمانە ھەققىدە چەك بەلگىلىمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلدارلار بېرىلگەن جازا سوممىسى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينىيالايدىغان بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەگەر بىر شىركەت تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان تەقدىردە، ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى ياۋروپا بازىرىغا قايتىپ كېلەلەيدىكەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئەڭ بۇرۇن 2022-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتى تەرىپىدىن ماقۇللانغاندىن كېيىن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىليونلىغان خەلقنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا سولاپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ كەلمەكتە. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ زىيانكەشلىك قىلماقتا.

خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، 3 مىليون 300 مىڭ بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 28 مىليونغا يېقىن ئادەم دۇنيا مىقياسىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1752 قېتىم كۆرۈلدى
06/03/2024 16:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق