قىرغىزىستانغا قاراپ يولغا چىققان ئاپتوبۇسلاردا بىرمۇ ئۇيغۇر كۆرۈنمىگەن

خىتاي رېجىمى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان چېگراسىنى قوشنا دۆلەتلەرگە ئېچىۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان چەكلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرمىغان بولۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىزچىل داۋام قىلماقتا.

ئالدىنقى كۈنلەردە خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتۇش شەھىرى بىلەن قىرغىزىستان ئارىسىدا ئاممىۋى قاتناشنى يولغا قويغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. ھەر ھەپتىدە ئىككى ئاپتوبۇس ئاتۇشتىن قىرغىزىستانغا قاتنايدىغان بولۇپ، 6-مارت ئىككى ئاپتوبۇس يولۇچىلارنى ئېلىپ قىرغىزىستاننىڭ بىشكەككە قاراپ يولغا چىققان. سىن كۆرۈنۈشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاپتوبۇسقا چىققان يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى خىتايلار ياكى قىرغىزلار بولۇپ، بىرمۇ ئۇيغۇر يوق ئىكەن.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا ئاشكارىلىنىشىچە، غۇلجىدىن قازاقىستانغا يولغا چىققان ئاپتوبۇستىمۇ ئاساسەن ئۇيغۇرلار يوق بولۇپ، خىتاي ھەممە كىشىگە چېگرانى ئېچىۋەتكەنلىكىدەك يالغان تەشۋىقاتى ئارقىلىق، دۇنيا كۈنتەرتىپىدە تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشنى پىلانلىغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى نۇقتىلىق تۈردە ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىجرا قىلغان سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق تۈركىي مىللەتلەرنى باستۇرغانىدى ۋە خەلقئارانىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە، بېسىمىغا ۋە بىر قىسىم جازالارغا ئۇچرىغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي بۇ قېتىم قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان چەكلىمە ۋە تەقىبلەرنى مەلۇم دەرىجىدە بوشىتىش ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنغان. ئەمما ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3785 قېتىم كۆرۈلدى
07/03/2024 15:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق