خىتايدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار چەت ئەلگە جىددىي يۆتكەلمەكتە

خىتايدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار چەت ئەلگە جىددىي مەبلەغ سېلىۋاتقان بولۇپ، چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش ئەھۋالى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 6-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلىرى تېز سۈرئەتتە چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشقا باشلىغان بولۇپ، خىتاي رېجىمى بەلگىلىگەن چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش يۇقىرى چېكىگە بېرىپ قالغان. تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى بازىرىنى جانلاندۇرۇش ۋە خەلق پۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىكەن.

خىتاي ئاكسىيە مەبلىغى جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتايدىكى «چېگرا ئىچىدىكى لاياقەتلىك مەبلەغ سالغۇچىلار» (QDII)فوندىنىڭ سېتىش مىقدارى 1-ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %50 ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان. چېگرا ئىچىدىكى لاياقەتلىك مەبلەغ سالغۇچىلار پىلانى خىتاي رېجىمىنىڭ مەبلەغنى قاتتىق كونترول قىلىش سىياسىتى ئاستىدا، چەت ئەل پاي چېكىنى سېتىۋېلىشنىڭ مۇھىم يولى بولۇپ قالغان. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، خىتاي ئىچىدىكى ئورتاق فوندنىڭ سېتىلىش مىقدارى %35 تۆۋەنلىگەن بولۇپ، «چېگرا ئىچىدىكى لاياقەتلىك مەبلەغ سالغۇچىلار» فوندىنىڭ مەبلەغ كۆلىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19 ئاشقان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش دولقۇنى خىتايدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دۆلەت ئىچى بازىرىغا بولغان ئىشەنچىنىڭ كەم ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي، يەنە خىتاينىڭ كاپىتال ھېساباتى ۋە پۇلىغا چۈشكەن بېسىمنى، شۇنداقلا خىتايدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دۆلەت ئىچى بازىرىغا بولغان ئىشەنچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە دۇچ كېلىدىغان خىرىسنى گەۋدىلەندۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتايدىكى پاي بازىرى بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا يېقىنلاشقان بولۇپ، خىتاينىڭ 30 يىللىق ھۆكۈمەت زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1759 قېتىم كۆرۈلدى
07/03/2024 15:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق