ھىندىستان ھىندى ئوكياندا خىتايغا قارشى دېڭىز ئارمىيە بازىسى قۇردى

ھىندىستان غەربىي جەنۇب دېڭىز قىرغىقىدىكى بىر ئارالدا يېڭىدىن دېڭىز ئارمىيە بازىسى قۇرغان بولۇپ، ھىندىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك دېڭىز رايونىدىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈنسېرى كېڭىيىشىگە بولغان ئەندىشىسى ۋە مالدىۋې بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ يىرىكلىشىشى سەۋەبلىك، ھىندى ئوكياندىكى مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان قۇرماقچى بولغان يېڭى ھەربىي بازىنىڭ ئىسمى جاتايۇ بولۇپ، ھىندىستاننىڭ لاكشادۋىپ تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى مىنىكوي ئارىلىغا جايلاشقان. بۇ ئارال ئاساسلىق سودا لىنىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، ھىندىستاننىڭ مالدىۋېغا يېقىن بولغان تاقىم ئارىلىدىكى ئىككىنچى دېڭىز ئارمىيە بازىسى بولۇپ قالىدىكەن.

ھىندىستان ئاخبارات ئورگىنى تولاسنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسى ئىشتاب باشلىقى ھارى كۇمار چارشەنبە كۈنى بازا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن قىلغان سۆزىدە، نۆۋەتتىكى گېئوپولىتىكىلىق تەرەققىيات مۇساپىسىدە، بازا ئارقىلىق نازارەتنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يېتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ھىندىستان تەرەپ يېڭى دېڭىز ئارمىيەسى بازىسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم ئارالنىڭ بىخەتەرلىك ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يېڭى دېڭىز ئارمىيە بازىسىنىڭ قۇرۇلۇش پىلانى مالدىۋېنىڭ بۇلتۇر نويابىر ئېيىدا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان يېڭى ھۆكۈمىتى خىتايغا يېقىنلىشىشقا باشلىغاندا ئېلان قىلىنغان.

مالدىۋې دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 5-مارت خىتاي بىلەن مالدىۋېغا ھەربىي ياردەم بېرىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، ئەمما بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىغان. ئۇندىن باشقا مالدىۋې يەنە ھىندىستاندىن مەزكۇر تاقىم ئاراللىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، تىك ئۇچار ۋە باشقا ئايروپىلانلارنى كۆزىتىپ قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان 80 گە يېقىن بىخەتەرلىك خادىمىنى چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1782 قېتىم كۆرۈلدى
07/03/2024 15:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق